باش بەت

ئەلى مىرزا

143يوللانما
95مەستانە

ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئەڭ «مەينەت» ئورۇنلار قايسىلار؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 11:43 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئەڭ «مەينەت» ئورۇنلارنىڭ بۇ يەرلەر ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان بولغىيدىڭىز؟ سىز بۇ يەرلەرنى تازىلاپ باققانمۇ؟


ئاپتوموبىلدىكى ئەڭ مەينەت جايلار توغرىسىدا سۆز بولۇنسا، نۇرغۇن كىشىلەر تەبىئىيلا ئاپتوموبىلنىڭ چاقىنى، ئاندىن قالسا ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى قېپىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇ ئورۇنلار ئادەم بەدىنى بىلەن دائىم دېگۈدەك بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرمىغاچقا، ئادەمگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بەزى بىر قىسىم ئورۇنلار بولسا كۈندە دېگۈدەك ئادەم بەدىنى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ناھايىتى مەينەت بولىدۇ. لېكىن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئادەتتە بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ.
 

1. ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىك تۇتقۇسى
ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىك تۇتقۇسى بولسا ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ سەل قارايدىغان نۇقتىسى. ئىشلىتىلىش قېتىم سانى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىك تۇتقۇسىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى تازىلاش ئەپسىز، قىيىن بولغاچقا، ئاپتوموبىلغا چىقىپ چۈشۈش جەريانىدا ئىشىك تۇتقۇسىنى تۇتۇش سەۋەبلىك، شۇ ئورۇندا كۆپ مىقداردا مىكروبلار يىغىلىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ ئورۇن ناھايىتى مەينەت ھېسابلىنىدۇ.

2. رول ۋە خوت يۆتكەش دەستىسى
ئاپتوموبىل ئىچىدە ئولتۇرغاندا ئادەم بەدىنى بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئورۇن رول ۋە خوت يۆتكەش دەستىسى. بولۇپمۇ ماشىنا ھەيدىگەن چاغدا قول ئاساسلىقى بۇ ئىككى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇ سەۋەبلىك بۇ ئورۇنلاردا مىكروبلار ناھايىتى كۆپ يىغىلىپ قالىدۇ. بەزىلەر رول قاپچۇقى ئورنىتىشنى ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلغاندا مىكروب ناھايىتى ئاسانلا كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا پات-پات تازىلىق قەغىزىگە ئىسپىرت سۈركەپ تازىلاپ تۇرۇش لازىم.

3. تەگلىك گىلىمى
بىر قىسىم ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىل ئىچىگە تەگلىك گىلىمى سېلىۋالىدۇ، چىقىپ-چۈشۈش جەريانىدا كىشىلەر ئۇنىڭغا دەسسەيدۇ ھەم ئاپتوموبىل ئىچىدە بىر نەرسە يەپ-ئىچكەن چاغدا يېمەكلىك ئۇۋاقلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئىچىملىكنىڭ ئېقىپ كېتىشى سەۋەبلىك مەينەت بولۇپ كېتىدۇ، ئۇزۇن مەزگىلدىن كىيىن شۇ ئورۇندا مىكروبلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا تەگلىك گىلىمىنى ۋاقتىدا تازىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

4. ھاۋا تەڭشىگۈچ
ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچى بولسا مىكروب ناھايىتى ئاسانلا كۆپىيىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىلدە ناھايىتى كۆپ ئارىلاشما ماددىلار ۋە چاڭ-توزانلار يىغىلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا، ئاپتوموبىل ئىچىگە كىرگەن ھاۋا ئادەمنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ. ھەم نۇرغۇنلىغان مىكروب ۋە كۆكەرتكۈچى باكتېرىيەلەرنى بىللە ئېلىپ كېرىپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ناھايىتى ئاسانلا كېسەل يۇقتۇرىدۇ. شۇڭا قەرەرللىك ھالدا ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىنى تازىلاپ تۇرۇش ناھايىتى مۇھىم.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号