باش بەت

جاھانكەزدى

14371يوللانما
10مەستانە

گوۋۇيۈەن «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تېببىي دورىگەرلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يىرىك پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-10 23:33 0 ئىنكاس چۈشتى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تېببىي دورىگەرلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاساسىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، تېببىي دورىگەرلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاشنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

«پىلان» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بەش تۈرلۈك تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش. ئاھالە ئۆز ئىختىيارىي، ئاساسىي قاتلام ئالدى بىلەن داۋالاش، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگوچە ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئېنىق، باشقۇرۇشى ئىلمىي، ئىدارە قىلىشى مۇكەممەل، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نازارەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىدىغان ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەبلەغ توپلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم شەكلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتى تورىنى مەملىكەت بويىچە تۇتاشتۇرۇش ۋە باشقا جايلاردا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، چوڭ كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى چىقىمىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا دەل جايىدا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك دورا بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىشلىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دۆلەت دورا سىياسىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دورا باھاسىنى تەڭشەپ ئىزىغا چۈشۈرۈپ، دورا بىخەتەرلىكى، ئۈنۈمى، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، قاتتىق قېلىپلاشقان ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تېببىي دورىگەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كەسىپ بويىچە ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 3-تەرەپ باھالىشى ۋە كەسىپتە تەلەپچان بولۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.


شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى


مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15640248.html

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号