باش بەت

جاھانكەزدى

14354يوللانما
5مەستانە

ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش پىتنە-ئىغۋالارغا قارشى تۇرۇشتىكى ئۆتكۈر قورال

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-10 23:43 0 ئىنكاس چۈشتى

دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش پىتنە-ئىغۋالارغا قارشى تۇرۇشتىكى ئۆتكۈر قورال، دېدى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يەن جياڭيىڭ 9- يانۋار مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ يېمەكلىك ۋە دورا ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى پىتنە-ئىغۋالارنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ئاممىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ۋە نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى قوغداپلا قالماي، تېخىمۇ بەكرەك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىنى زور دەرىجىدە چۆچۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ.

«ئەبنۇس بىلەن قېتىقنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»، «تۈپتۈز تەرخەمەككە دورا پۈركۈلگەن... ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت تور پىتنە-ئىغۋالىرى مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق ۋاسىتىلەردە نەچچە ھەسسە كۆپتۈرۈلۈپ ھەمدە كۆپ قېتىم چەكلەنسىمۇ تۈگىمەي، تور بوشلۇقىدىكى بىر چوڭ «شاۋقۇن» بولۇپ قالدى ھەم پۇقرالارنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»گە قارىتا ئىشىنىش تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. يەن جياڭيىڭ بۇ ھەقتە شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يېمەكلىك ۋە دورا تۈرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ۋە تاقابىل تۇرۇش سالونىدا: «يېمەكلىك ۋە دورا ھەققىدىكى پىتنە- ئىغۋالارغا ئەستايىدىل بولۇش كېرەك، ئىلىم-پەن ۋە قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، پىتنە- ئىغۋالارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىق كېرەك»، دېدى.


مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15640211.html

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号