باش بەت

ئەلى

1916يوللانما
1مەستانە

ئەگەر iPhone دۇنياغا كەلمىگەن بولسا ھازىرقى يانفونلار قانداق بولاتتى؟

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 17:33 0 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پەن-تېخنىكا تور بېكىتى TechCrunchنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10 يىل بۇرۇن يانفون كەسپى يەنىلا بىر پارچە ھەممە بەس-بەستە سايرايدىغان ۋەزىيەتتە بولۇپ، ھەممە ئۆزىنىڭ ئوي-خىيالى ئارقىلىق بۇ خىل ئالاقە قورالىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان قارىشىنى نامايەن قىلاتتى. قاتلانما قاپقاق، سىيرىلما قاپقاق، رەڭ، پۈتۈن كۇنۇپكا تاختا... بىز دائىم ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان لايىھە ۋە كاللىنى ئاچىدىغان ئۇقۇملارنى كۆرەلەيتتۇق. ئۇ چاغدا يانفون ناھايىتى ئاسانلا ھەممىنىڭ مال سېتىۋېلىش ھەۋىسىنى قوزغايتتى. چۈنكى ئۇلار راستىنلا بەك چىرايلىق ئىدى. 

لېكىن iPhoneنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھەممىسى ئۆزگەردى، بۇ گۈزەل «چوڭ توسما خادا تاش» ئاستا-ئاستا ئۆڭۈپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەس-بەستە رەڭسىز تونلارنى كىيىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا يوغان كېسەك تېلېفونلارنى بەرپا قىلىشتى. بازاردا يانفوننىڭ تۈرىدىن پەقەت بىر خىللا قالدى، سىستېمىدىن قالغىنى بولسا پەقەت ئىككى (ئالما ۋە ئاندىرويىد). ئون يىل بۇرۇن بىزنىڭ يانفون قۇلۇپىنى ئېچىش ئۇسۇلىمىز كۆپ خىل ئىدى، لېكىن ھازىر بولسا پەقەت سىيرىپ قۇلۇپنى ئېچىش ۋە بارماق ئىزى تونۇتۇشلا قالدى. 

بەزىدە سىز ئىختىيارسىز شۇنداق دەپ ئويلاپ قالىسىز، ئەگەر شۇ يىلى iPhone دۇنياغا كەلمىگەن بولسا ھازىرقى يانفونلار قانداق بولۇپ قالاتتى؟ مېنىڭچە ھېچ بولمىغاندا قارا بۆلجۈرگەن ۋە Palm ھازىر گۈللەنگەن ھالەتتە تۇرغان بولاتتى، ئۇلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتاللىرى سانسىزلىغان يېڭى تىپتىكى يانفونلارنى ئىشلەپچىقىراتتى. ھالبۇكى ئاندىرويىد بولسا ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ، ھەقىقىي ئېچىۋېتىلگەن يانفون سۇپىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولاتتى. Linux سىستېمىسىنىڭ يانفوندىكى تەسىر كۈچى ھازىرقىدىن تېخىمۇ زور بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 

بۇنىڭدىن سىرت تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ يانفون كەسپىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى يەنىلا داۋاملىشاتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خېرىدارلارغا بولغان تونۇشىغا ئاساسەن بەزى ئالاھىدە نۇسخىدىكى يانفون ياساپ چىقاتتى، يانفون ئىقتىدارى تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق بولاتتى. لېكىن ھازىر تېلېگراف شىركەتلىرى ئالما شىركىتىنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالدى، ئۇلار ئاساسلىق يېتەكچىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى، ئۇلار پەقەت ئالما شىركىتىگە ئەگىشىپ ماڭاتتى ۋە ئالمىنىڭ يېڭىلاش مۇددىتىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت پىلانىنى تۈزەتتى. ئۇلارنىڭ بازار مەركىزىلىك رولى ئاجىزلاپ كەتتى. 

ئون يىل بۇرۇن يانفون ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ كەسپىي ئىدى، ئەگەر سىز سودا قىلىمەن دېسىڭىز ئۇنداقتا قارا بۆلجۈرگەن سېتىۋالغىلى باراتتىڭىز. مودا كېرەك بولسا LGنىڭ شاكىلات يانفونى تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلەتتى. قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا ئامراقلار موتوروللا Qنى تاللايتتى. 

2010-يىلى ئالما بىلەن سامسۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش رەسمىي پارتلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئەسلىدە تۈرى مول، كۆپ خىللاشقان يانفون بازىرى ئاستا-ئاستا يىگىلەشكە باشلىدى. GPS، كۆرۈش تور پەردىسى ئېكرانى، كۈچلۈك بولغان رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى يانفوننىڭ قاتتىق كۆرسەتكۈچىگە ئايلاندى. سونىي، LG ۋە نوكىيا قاتارلىق داڭلىق ماركىلار گەرچە كونىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي بازارغا سېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ساھەنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقالمىدى. بازار رىقابىتى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ ئىككى چوڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مۇسابىقىلىشىشىگە ئايلىنىپ قالغانلىقتىن، ئاندىرويىدنىڭ ئەسلىدىكى ئېچىۋېتىلگەن سۇپا چۈشى رىقابەت بېسىمى ئاستىدا بەربات بولدى. 

ئەگەر iPhone بارلىققا كەلمىگەن بولسا يانفون دۇنياسى ناھايىتى قىزىقارلىق بولغان بولاتتى. ئىلگىرىكى يانفون ماگناتلىرى ئۆزىنىڭ يېرىم يىلدا ئۈچ خىل پاسوندىكى يېڭى يانفون چىقىرىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، ئوخشاش بولمىغان ئابۇنتلارنى ئېھتىياجىغا ماس مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيتتى. مەھسۇلات مەيلى ئەرزان باھالىق بولسۇن، ياكى يۇقىرى سەپلىمىلىك بولسۇن، ھەممىسى يۇقىرى دەرىجىدە خاسلىققا ئىگە بولغان بولاتتى.

لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. iPhone بىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىمىزنى ئاللىقاچان تارتىۋالدى، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغىنى بىر تۆمۈر سەپ كەبى قاتمال بازار بولدى. بۇ بازاردا پەقەت بىر خىل لايىھە مەۋجۇت، كۆپچىلىك ھەرقايسى جەھەتلەردە تەدرىجىي بىردەكلىككە يۈزلەنمەكتە. 

لېكىن ئۇ بىزگە كۆچمە تاراتقۇ، يول باشلاش رەسىم ھەمبەھىرلەش قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يانفون چوڭ سۇلياۋ دەۋرىدىكى ئەرزان باھالىق تاشقى كۆرۈنۈشتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق بارغانسېرى چىرايلىق تۈسكە كىردى. بۇنىڭدىن سىرت زاۋۇتلارنىڭ يەنە ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشى تەپسىلاتقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىدىغان مىخانىزىمغا ئايلاندى.

ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويدۇق، نۇرغۇن خۇشاللىققتىن مەھرۇم بولدۇق، مودا ئېقىمدىن مەھرۇم بولدۇق، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىنتىلىدىغان روھنى يوقىتىپ قويدۇق. دەرۋەقە ھازىر يانفون بازىرىدا يەنىلا بىر قىسىم باشقىلارغا ئەگەشمەيدىغان مەھسۇلاتلار بار. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەن دەرىجىلىك بازارلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقا ماركىلارنىڭ مەھسۇلات يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلاجى يوق. 

يانفوننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تېما ئاللىقاچان كونا تېمىدىكى پاراڭ بوپقالدى. مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، AR ۋە ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىش قاتارلىقلارنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ يانېفون ئويناش بارغانسېرى مەنىسىز بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە AIنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەپ دېتاللىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئەپ بازىرى كۆلىمى ئاۋۋال كىچىكلەپ كېيىن كېڭىيىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. يېڭى باتارېيە تېخنىكىسى ۋە بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە قولىمىزدىكى يانفون داۋاملىق يېنىكلەيدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا كېلەر قېتىمقى ئىنقىلاب بورىنى 2007-يىلىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号