باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2598يوللانما
20مەستانە

كورېيە-ئامېرىكا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە پۈتۈشتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 11:37 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

كورېيە-ئامېرىكا ئاتوم ئېنېرگىيەسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتىنىڭ ئورتاق رەئىسى، كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئان خاڭساڭ ۋە ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى شېرۋۇد راندال 9-يانۋار ۋاشىنگتوندا يىغىن ئېچىپ، ئاتوم ئېنېرگىيەسىنى ئورتاق تەتقىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىر قاتار تۈرلەردە ھەمكارلىشىشقا پۈتۈشكەن. 

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كورېيە-ئامېرىكا ئاتوم ئېنېرگىيەسى يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى بۇلتۇر 4-ئايدا كورېيەنىڭ پايتەختى سىئولدا ئېچىلغانىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى توققۇز ئايدا كومىتېتىنىڭ قارمىقىدا تۆت خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىسى قىلىنىپ، ھەمكارلىشىش تۈرىنى تاللاپ چىققان ۋە كېڭەشكەن. بۇ خىزمەت گۇرۇپپىلىرى يېقىلغۇ ساقلاشنىڭ كەمچىل بولۇشى، توشۇمىچىلىق ۋە بىر تەرەپ قىلىش، تەتقىقاتنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرۇش، يادرو يېقىلغۇسىنىڭ دەۋرىيلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ھەمدە خەلقئارا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى يېقىلغۇ بازىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى ئورتاق قاراپ چىققاندىن كېيىن، مۇزاكىرە نەتىجىسىگە ئاساسەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېقىلغۇسىنى تۇراقلىق تەمىنلەش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەشنى مۇزاكىرە قىلغان. 

ئىككى دۆلەت يەنە يادرو ئەتكەسچىلىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن سىياسىي كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، يادرو رادىياتسىيىسىگە ۋە يادرو تېررورلۇقىغا تاقابىل تۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش، ئامېرىكىنىڭ يادرو رادىياتسىيىسىگە ۋە يادرو تېررورلۇقىغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، خەلقئارا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بازىرى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئورتاقلىشىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىمپورت-ئېكسپورت سىستېمىسى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلغان. كورېيە-ئامېرىكا ئاتوم ئېنېرگىيەسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى مۆلچەرچە بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكىدا ئېچىلماقچىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号