• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئوباما نۇتۇقىدا ئۆزىنى-ئۆزى مەسخىرە قىلىپ: «مەن دېگەن ئاقساق ئۆردەك» دېدى

    مەنبە : news.qq.comتەھرىر : ئەخمەتجان مۇتەللىپ ئىنكاس : 13يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 11:47

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

    شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاق سارايدا يىل ئاخىرىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى تېلېگراممىسى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 9:00 دا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما چىكاكودا ئامېرىكا خەلقىگە خوشلىشىش نۇتۇقى سۆزلىگەن، ئاق ساراي بۇ قېتىملىق نۇتۇقنى «كەلگۈسىگە نەزەر» نۇتۇقى دېگەن. ئوباما نۇتۇقنىڭ بېشىدىلا ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ:«مەن دېگەن ئاقساق ئۆردەك» دېگەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئوباما خوشلىشىش نۇتۇقىنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى چىكاكونىڭ مىككورمىك مەيدانىدىكى كۆل ياقىسى يىغىن مەركىزىدە سۆزلىگەن. يىغىنى مەركىزىدە ھېچقانداق ئورۇن بوش قالمىغان بولۇپ، نۇتۇق سۆزلىنىشتىن بۇرۇن چىكاكودىكى داڭلىق ناخشىچىلار ئامېرىكا دۆلەت شېئىرىنى 

    ئېيتقان. 

    ئوباما مۇنبەرگە چىقىپلا:«ياخشىمۇسىلەر چىكاكولۇقلار، ئۆيىگە قايتىش تۇيغۇسى نېمىدېگەن قالتىس» دېگەن. ئۇ ئارقىدىنلا ئۆزىنى-ئۆزى مەسخىرە قىلىپ:«سىلەر مېنى <ئاقساق ئۆردەك> دېسەڭلار بولىدۇ، چۈنكى ھېچكىم مېنىڭ بۇيرۇقىمغا بويسۇنۇپ باقمىدى» دېگەن. 

    ئوباما يەنە:«گەرچە بىز ھەممە ئىشنى كەم-كۈتىسىز قىلىشقا قادىر بولالمىساقمۇ، بىراق بىز بارلىق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئۆزگەرتتۇق» دېگەن. 

    ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى جەن پىساكى:«بۇ نۇتۇق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدىن قىسقىراق» دېگەن. ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى تەخمىنەن 63 مىنۇت داۋاملاشقان. 

    پات ئارىدا ئاق سارايدىن ئايرىلىدىغان ئوباما، خوشلىشىش نۇتۇقىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، بولغۇسى زۇڭتۇڭ تىرامپ 11-يانۋار بۇلتۇر 7-ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچىدۇ. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号