باش بەت

نۇسرەتگۈل

6499يوللانما
55مەستانە

ساقچىلىقتىن ۋاز كېچىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ساھەسىگە قەدەم قويغان مېكسىكىلىق ئايال

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 12:15 0 ئىنكاس چۈشتى

چىرايلىق قىزلار ھەمىشە يەڭگىل ۋە تەمىناتى يۇقىرى خىزمەت تاپالايدۇ. بىراق، مېكسىكىلىق نوچتلى (Nochtli peralta alvarez) ئىسىملىك بۇ قىز ئۇنداق ئەمەس. ھازىر گوللاندىيەدە تۇرىدىغان نوچتلى كىچىكىدىن باشلاپلا ساقچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئاخىرى رېئاللىققا ئايلىنىپ 17 يېشىدىن باشلاپ ساقچىلىق خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇ گۈزەل تۇرقىنى كۆرگەن جىنايەتچىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ تۇتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلماي قالمايدۇ.

نوچتلى كىچىكىدىن باشلاپلا باشقىلارغا ياردەم قىلىپ ئەسكى ئادەملەرنى تۇتۇشنى خىيال قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كېچە-كۈندۈز دېمەي، توختىماي تىرىشىپ ئىشلىگەن ئاشۇ دەقىقىلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

23 ياشقا كىرگەندە ئۇ يەنە بىر پۇرسەتكە ئېرىشتى.

بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن كۈچنى بايقاپ ئۆزلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشقا تەكلىپ قىلدى. نوچتلى ئەستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن، ساقچىلىق خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاشنى قارار قىلدى.

ھازىر ئۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش مودېلى ۋە تېرىنېرى بولدى.

ساقچىلىقتىن مودېللىق ھاياتىغا ئۆتكىچە ئۇ نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتتى. نۇرغۇن ئادەم ئۇنى قىلالمايدۇ دەپ ئويلىدى. بىراق، ئۇ يەنىلا ۋاز كەچمىدى. ئۇ: «سىزنى ھەممە ئادەمنىڭ چۈشىنىپ كېتىشى ناتايىن. بىراق، ھېچقىسى يوق. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز پەقەتلا ئۆزىڭىز ئۈچۈن. ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىكىلى ئارقىلىق باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

2013-يىلى بەدەن چېنىقتۇرۇش ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ نوچتلىنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئۇ راھەت تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، جاپالىق ھەم كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان بىر تۇرمۇشقا قەدەم قويدى، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى ھەم ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ نىشانىدىن ۋاز كەچمەسلىكنى قارار قىلدى. ئۇ بەدەن چېنىقتۇرىۋاتقان سۈرەتلىرىنى تورغا يوللىغاندىن كېيىن، مەستانىلىرىنىڭ سانى 7 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号