• بۈگۈندۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    2017-يىلى يەر شارى ئىقتىسادىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خۇشاللىقلار

    مەنبە : finance.sina.com.cnتەھرىر : زۇلفىيە ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 12:01

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    1.تىرامپنىڭ قاتتىق قوللىقى سىپايىلىشىدۇ
    تىرامپ 2020-يىلىدىن بۇرۇن ئۆزىگە قارشى تۇرغان كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ بارلىق مەسىلىلەردە دېگۈدەك ئۆزىنىڭ رادىكال مەيدانىدا چىڭ تۇرۇۋالمىدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ بىر قىسىم ئوڭچىل قوللىغۇچىلىرى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى. ئۇ «سايلىغۇچىلار مەلۇم بىر خىل ئىدېئولوگىيەنى تاللىماستىن بەلكى مېنى تاللىدى»دېگەن قاراشتا چىڭ تۇردى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت تۈزگۈچى خادىملىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، يالغۇز ھەرىكەت قىلىشى پۈتكۈل ھۆكۈمەتنى قالايمىقانچىلىققا پاتقۇزۇپ قويىدۇ. ئۇ بىكار قىلىشقا قەسەم قىلغان بارلىق شەرتنامە ۋە كېلىشىملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇ بىرىنچى كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىلا تۈزىتىش كىرگۈزىلىدۇ، ئەمما بىكار قىلىنمايدۇ.

    2. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۆرلەپ يەنە قايتا %3 كە چىقىدۇ
    شىركەت ۋە شەخسلەر بېجىنى كېمەيتىش، تېخىمۇ ئىجابىي سودا كېلىشىمى تۈزۈش، پۇل مۇئامىلە ۋە ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇش ھەمدە ئۇل-ئەسلىھە بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىقلار 2017-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ %3دىن ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدە 2014-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆرلەش يۈز بېرىدۇ. 

    3. SP500 كۆرسەتكۈچى ئۆسۈپ 2500گە چىقىدۇ
    2017-يىلى SP500 كۆرسەتكۈچىنىڭ تىجارەت پايدىسى 130 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچىسىگە ئەگىشىپ، بۇ كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلەپ 2500گە چىقىدۇ. خام چوت قىزىل رەقىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ.
    4.ياۋرونىڭ دوللارغا بولغان پىرىۋوت نىسبىتى تەكشى سىزىقتىن تۆۋەن بولىدۇ
    ماكرولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار پۇلنىڭ داۋالغۇشىدىن زور نەپ ئالىدۇ. ياپونىيە يىنىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پىرىۋوت قىممىتى 130:1 گە ئۆزگىرىپ، شۇنىڭ بىلەن ئېكىسپورت جانلىنىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، فوندستېرلىڭنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋوت قىممىتى 1.10غا چۈشۈپ، ساياھەتچىلىك ۋە ئۆي-زېمىن ھايانكەشلىكىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياۋرونىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پىرىۋوت نىسبىتى چۈشۈپ كېتىدۇ. 

    5.ئامېرىكا 10 يىللىق زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى %4كە يېتىدۇ
    ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشى، پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ %3كە قىستاپ كېلىشى ھەمدە يېڭىدىن پەيدا بولغان كاپىتال ئېھتىياجى ئامېرىكا 10 يىللىق زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنى ٪4كە يېقىنلاشتۇرىدۇ. 

    6.ئاۋامچىللىقنىڭ ياۋروپادا ئەۋج ئېلىشى تۈپەيلىدىن، مېركىل 10-ئايدىكى گېرمانىيە سايلىمىدا مەغلۇپ بولىدۇ
    ئاۋامچىللىق ياۋروپاغا كەڭ تارقىلىپ، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە سايلىمىغا تەسىر قىلىدۇ. مېركىل 10-ئايدىكى چوڭ سايلامدا مەغلۇپ بولىدۇ. ياۋروپادىكى سايلىغۇچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پايدىلىقلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى، يىل ئاخىرىدا ياۋرودىن ۋاز كېچىش ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش توغرىسىدىكى پىلانلار پائال مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. 

    7. يەر شارى بويىچە نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىپ، ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى 60 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولىدۇ
    ئېنېرگىيە كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇش ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىران بىلەن ئىراقمۇ مەھسۇلات مىقدارىنى كۆپەيتتى. گەرچە يەر شارى بويىچە نېفىت ئېھتىياجى ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن تەمىنلەشنىڭ ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن نېفىت باھاسى بىر يىلنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا يەنىلا 60 دوللاردىن تۆۋەن بولىدۇ. 

    8. تىرامپ ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا ئىزچىل خاتا پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
    تىرامپ ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا ئىزچىل خاتا قاراپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. جۇڭگونىڭ پۇلى تۆۋەن مۆلچەرلەنمەستىن، بەلكى يۇقىرى مۆلچەرلىۋېتىلگەن بولۇپ، 2017-يىلى قىممىتى 8 دوللارغا چۈشىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ئىستېمالى ۋە ئېكىسپورتنىڭ ئېشىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سودا ئۇرۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تىرامپ جازالاش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجىنى يولغا قويمايدۇ ھەمدە بۇ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ. 

    9. ياپونىيە ئىقتىسادى ۋە پاي بازىرى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ
    جۇڭگو ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشىدىن نەپكە ئېرىشىپ، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي ئېشىشى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ٪2 تىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ پاي چېكى بازىرى باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ ئۆسىدۇ.
    10.ISISنىڭ تەھدىتى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ
    ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيتى ئاستا-ئاستا پەسىيىدۇ. ترامپ ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رېكس تىللېرسون (Rex Tillerson) پۇتىن بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سۇرىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ISISنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەھدىتى روشەن ئازىيىدۇ. بەشار ئەسەد يەنە ھوقۇق تۇتىدۇ.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号