• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتىنمۇ ئېغىر بۇ قىلمىشنى شوپۇرلار نېمە ئۈچۈن دائىم سادىر قىلىدۇ؟

    مەنبە : auto.qq.comتەھرىر : ئادىلجان ئىنكاس : 9يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 12:07

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    تېڭشۈن تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    «ماشىنا ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىك، ھاراق ئىچكەندە ماشىنا ھەيدىمەسلىك...» دېگەن بۇ سۆز ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىقىغا سىڭىپ كەتتى. ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنىڭ خەتىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش تارماقلىرىمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگۈچىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتىنمۇ خەتەرلىك ئىش قايسى؟ ئۇ دەل چارچىغان ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش!

    چارچىغان ھالەتتە ماشىنا ھەيدەشنىڭ خەتىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتىنمۇ ئېغىر. ئەگەر شوپۇر ماشىنا ھەيدەۋاتقان ۋاقىتتا مۈگدەپ قالسا، ئىنكاسى ئاستىلاپ كېتىدۇ ياكى پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىپ، ئاسانلا ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئەھۋالدا يولدا كېتىۋاتقانلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چارچىغان ھالەتتە ماشىنا ھەيدەشتىن كېلىپ چىققان ھادىسىلەرمۇ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرماقتا. 

    شۇڭا بىز چارچىغان ھالەتتە ماشىنا ھەيدەشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا چارچىغان ھالەتتە ماشىنا ھەيدەشنى ئازايتىشنىڭ قانداق ئەپچىل چارىلىرى بار؟ 

    1. شوپۇر ماشىنا ھەيدەشتىن بۇرۇن يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر ھەمدە ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا ئولتۇرۇش ھالىتىنى توغرىلىشى كېرەك، ماشىنا ئىچىگە فېڭيۇجىڭ (بىر نەچچە خىل پۇراقلىق ماي قوشۇلۇپ ياسالغان دورا)، قىزىل كالا قاتارلىق بىر قىسىم روھلاندۇرغۇچى ئىچىملىكلەرنى تەييارلاپ قويسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن يولغا ماشىنا ھەيدەشكە توغرا كەلسە ھەر 2-3 سائەتتە بىر قېتىم ئارام ئېلىش رايونىدا توختاپ ئارام ئېلىش لازىم. 

    2. ئەگەر ماشىنا ئىگىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولسا، ماشىنىغا چارچاشنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئورناتسا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا شوپۇر ماشىنىنى ئۇزۇن ۋاقىت ھەيدىگەندە ياكى چارچىغان ھالەتتە ھەيدىگەندە ئارام ئېلىشقا ئاپتوماتىك ئەسكەرتمە بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ماشىنا يولىنى ساقلاش سىستېمىسى، ACC ئاپتوماتىك ماسلىشىپ يول يۈرۈش سىستېمىسى، ئاپتوماتىك تورمۇز سىستېمىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنى ئورناتسا بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەيدەش بىخەتەرلىكىنى ۋاستىلىك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号