• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى بىر ئايالنى قۇتقۇزىۋالغاندىن كېيىن ھوشىدىن كەتتى

    مەنبە : news.qq.comتەھرىر : نۇسرەتگۈل ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 12:19

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خېنەننىڭ ئەنياڭ شەھىرىدىكى بىر ئايال 20 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن. 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئۇ ئايالنى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىن ھوشىدىن كەتكەن. 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 14:11 دە، ئەنياڭ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئىدارىسى ئالاھىدە ھەرىكەت ئوتتۇرا ئەترىتى ئەنياڭ ناھىيەسى بەيبى بازىرىدا بىرەيلەننىڭ قۇدۇققا سەكرىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، قۇدۇققا ئۆزىنى تاشلىۋالغىنى 20 نەچچە ياشلارغا كىرگەن بىر ئايال بولۇپ، يەڭگىل دەرىجىدە روھىي كېسىلى بار ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ ئايال سەكرىۋالغان قۇدۇق ئېغىزىنىڭ دىيامېتىرى 50 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 20 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىكەن.

    ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، 3 پۇتلۇق جازا، سۈرئەت پەرقى ئەسۋابى، ئارغامچا، گاز تۇڭى، باش چىرىغى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان. ئارقىدىن بۇ ئوتتۇرا ئەترەتتىكى 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان خادىم خۇ يۆيەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇدۇققا چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. كوماندىر نەق مەيداندىكى ئەھۋاللار ۋە يولداش خۇ يۆيەننىڭ تەلىپى بويىچە بۇنىڭغا قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر تەرەپتىن ئوكسېگىن تۇڭىنى قۇدۇقنىڭ تېگىگە چۈشۈرۈپ ئوكسېگىن كىرگۈزگەن، يەنە بىر تەرەپتىن خۇ يۆيەنگە بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى تاقىغان. سائەت 15:5 تە، ئۇ تۇنجى قېتىم قۇدۇق تېگىگە چۈشكەندە قۇدۇق ئىچىدىكى ئايالنىڭ ماسلاشماسلىقى ھەم قۇدۇق ئىچىدىكى ئەھۋالنىڭ ئېنىق بولماسلىقى سەۋەبلىك 1-قېتىملىق قۇتقۇزۇش خىزمىتى مەغلۇب بولغان. سائەت 15:15 تە، خۇ يۆيەن 1-قېتىملىق تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ 2-قېتىم قۇدۇققا چۈشكەن ۋە ئاخىرى ئايالنى ئارغامچىدا باغلىۋالغان.

    سائەت 15:25 تە، خۇ يۆيەن ئۇزۇن مۇددەت بېشىنى تۆۋەنگە قىلىپ خىزمەت قىلغان ھەم ئۇ ئايال ماسلاشماي ۋاقىتنى ئۇزارتىۋەتكەن بولغاچقا، قۇدۇقتىن چىقىپلا ھوشىدىن كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكى خادىملار دەرھال ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەندە ئۇنىڭ ھاياتىغا ھېچقانداق خەۋپ يەتمىگەنلىكى بايقالغان، ئايالمۇ بىخەتەر بولغان.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号