• بۈگۈن يەكشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئوباما نۇتۇقىدا تىرامپقا «تىنچ ئۆتۈش»كە ۋەدە بەردى

    مەنبە : news.qq.comتەھرىر : ئەخمەتجان مۇتەللىپ ئىنكاس : 16يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 12:23

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    ئوباما چىكاكودا نۇتۇق سۆزلىمەكتە

    خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ مەخسۇس ماقالىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 10:00 دا (ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 دە)، ئوباما چىكاكودا خوشلىشىش نۇتۇقى سۆزلىگەن. ئۇ نۇتۇقىدا تىرامپقا «تىنچ ئۆتۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. 

    «بۇ ھەممىمىزگە باغلىق بىر ئىشتۇر، يەنى، پەقەت دېموكراتىك تۈزۈمىمىز ياخشى يۈرگۈزۈلسە، ھۆكۈمىتىمىز خەلقىمىزنى ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپكە مۇيەسسەر قىلالىسا، بىز ھەممىمىز بىر ياقىدىن باش چىقىرالىساق، نىشانىمىز ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئايدەك ئېنىق بولسا، ئاندىن ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرالايمىز. ھالبۇكى، مەن دېگەن بۇ نەرسىلەر ھازىر دەل بىزدە كەم بولۇۋاتقان نەرسىلەردۇر»دېدى ئوباما. 

    ئىگىلىنىشىچە، ئوباما خوشلىشىش نۇتۇقىنى مىننەتدارلىق سۆزىنى بىلەن باشلىغان. ئۇ: «مەن ھەر بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ماڭا يۈكسەك ئۈمىد باغلىغانلىقىغا، ماڭا ئىلھام ۋە ئۈمىد ئاتا قىلغانلىقىغا، مېنى ئالغا قاراپ يۈرۈشكە ئىنتىلدۈرگەنلىكىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن»دېدى. 

    «مەن قايسى يىلى چىكاكوغا كەلگەن ۋاقتىمدا تېخى 20 ياشلىق يىگىت ئىدىم. مەن ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا <مەن زادى كىم؟ مەن بۇ ھاياتىمدا نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟> دېگەنلەر توغرىسىدا چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزەتتىم، ھالبۇكى، دەل مانا مۇشۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، تاقىۋېتىلگەن پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ كۆلەڭگىسىدە، مەن چېركاۋدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىدىم. مەن ئەنە شۇ يەردە ئېتىقادنىڭ قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى كۆردۈم». 

    نۇتۇق جەريانىدا، ئاڭلىغۇچىلار بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا «يەنە تۆت يىل ئىشلەڭ»دەپ ۋارقىرىدى، لېكىن، ئوباما تەبەسسۇم قىلغىنىچە: «بۇ ئەمدى مۇمكىن بولمايدۇ»دېدى. 

    ئۇنىڭدىن باشقا ئوباما ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۇتۇقلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، مەسىلەن: كۇبا بىلەن «مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»، ئىران يادرو كىرىزىسىنى پەسەيتىش، بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋە نىكاھ باراۋەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلار. 

    «مانا بۇلار مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۆزگەرتىشكە ۋەدە بەرگەنلىرىم، مېنىڭ ئەمدىلا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ۋاقتىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا تېخىمۇ ئۇلۇغ بىر دۆلەتكە ئايلاندى»دېدى ئوباما. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号