• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىدىكى قاتتىق قول شەخس Lacker پېنسىيەگە چىقماقچى

    مەنبە : finance.sina.com.cnتەھرىر : زورىگۈل ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 12:35

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    سىنا تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Richmond فېدېراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىنىڭ باشلىقى Jeffrey Lacker مۇشۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى پىنسىيەگە چىقىشنى پىلانلىغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كەلگۈسىدىكى ئۆسۈم قوشۇش سۈرئىتىنى دەڭسەۋاتقاندا ئۇنىڭ پىنسىيەگە چىقماقچى بولغانلىقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم پۇل پاخاللىقى كۈرەشچىلىرىنىڭ بىرى چېكىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    Richmond فېدېراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىنىڭ 10-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، 2004-يىلىدىن باشلاپ بۇ رايون زاپاس پۇل بانكىسىغا رەھبەرلىك قىلغان Lackerنىڭ ئورنىغا چىقىدىغان ۋارىس تاپىدىغانغا بىر كومىتېت قۇرغان ھەم كەسپىي مۇلازىمەت شىركىتى Heidrick &Strugglesنى ئالاقىدار نامزاتنى ئىزدەشكە تەكلىپ قىلغان. 2018-يىلى Richmond فېدېراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسى باشلىقىنىڭ فېدېراتسىيە ئاشكارە بازار كومىتېتىدا بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بار بولىدۇ.

    Lackerنىڭ FOMCدا بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بار چاغدا دائىم دائىم سىياسەتنى قىسىشنى ئۈمىد قىلىدىغان قارشى پىكىر بېلىتى تاشلىغان، بۇ 2012-يىلىدىكى ھەر قېتىملىق سىياسەت يىغىنىدىكى بېلەت تاشلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    Wells Fargo ئاكسىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادشۇناسى MarkVitne: «مېنىڭچە Richmond فېدېراتسىيە زاپاس پۇل بانكىسىنىڭ بىر قاتتىق قولنى تېپىپ بانكا باشلىقى قىلىدۇ، قىسمەن سەۋەبى شۇكى، بۇ مۇشۇ رايوندا دائىمىي تۇرۇشلۇق كارخانىلار، ئاھالىلەر ۋە بانكىرلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇلار پۇل سىياسىتىگە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش كۆز قارىشىغا مايىل» دېدى. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号