• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئانچېلوتتى: جۇڭگونىڭ زور سوممىلىق مەبلىغى ياۋروپا كۇلۇبلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ

    مەنبە : news.zhibo8.ccتەھرىر : sarkarda1 ئىنكاس : 11يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 12:59

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نۇر تورى تەرجىمىسى:

    جۇڭگو دەرىجدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىر قوشۇۋېلىشقا سالغان مەبلىغى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. بۇ يىل قىشتىلا ئۇلار كۆپ قېتىم يۆتكىلىش سوممىسى ۋە توپچىلارنىڭ ئىش ھەققى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىكى كۆپلىگەن پۇتبول چولپانلىرى ۋە مەشقاۋۇللار زىيارەت جەريانىدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ۋە يۆتكىلىش ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللاردىن مۇستەسنا بولالمىدى.

    يېقىندا بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئانچېلوتتى زىيارەت جەريانىدا، جۇڭگو بىرلەشمىسىنىڭ زور سوممىلىق مەبلىغىنىڭ ياۋروپا كۇلۇبلىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى كۆپلىگەن يۇقىرى سەۋىيەدىكى چولپانلارنىڭ ئەڭ ياخشى بىرلەشمىدە توپ تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ياۋروپادىكى كۇلۇبلار جۇڭگو بىرلەشمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ياۋروپادا ئەڭ ياخشى بىرلەشمىلەر بار، رىقابەت سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى. پۇتبولچىلار پۇل ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئەڭ ياخشى بىرلەشمىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن توپ تېپىدۇ. بۇنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئويلىغاندا، ياۋروپادىكى كۇلۇبلار جۇڭگو بىرلەشمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ».



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号