• بۈگۈندۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    فىلورېنتىنو: ناۋاس خانلىق مادىرىدنىڭ پەخرى

    مەنبە : news.zhibo8.ccتەھرىر : sarkarda1 ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 13:34

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ئىسپانيەدىكى داڭلىق تاراتقۇ «دۇنيا تەنتەربىيەسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خانلىق مادىرىد قاپقىچىسى ناۋاس «ئېفې ئاگېنتلىقى» تەرىپىدىن بۇ يىللىق لاتىن ئامېرىكىلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالانغان. خانلىق مادىرىد رەئىسى فىلورېنتىنو ئۆزى بىۋاسىتە ناۋاس بىلەن بىرلىكتە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

    ناۋاسنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە قىلىشى تۈرتكىسىدە، خانلىق مادىرىد كۇلۇبى 2016-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى قاتارلىق چېمپىيونلۇق لوڭقىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، خانلىق مادىرىد كوماندىسى 39 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىقتەك پەسىل ھالقىغان شانلىق نەتىجە يارىتىپ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاش ئالدىدا تۇرماقتا. خانلىق مادىرىدنىڭ بۇ شانلىق نەتىجىلىرىنى قاپقىچى ناۋاسنىڭ قالتىس ئىپادىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

    مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، خانلىق مادىرىد رەئىسى ئۆزىنىڭ كوستارىكالىق بۇ قاپقىچىنى ناھايىتى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «خانلىق مادىرىد ئۈچۈن ئېيتقاندا ناۋاسنىڭ كوماندىمىزنىڭ قاپقىچىسى بولۇشى بىزنىڭ پەخرىمىز. ئېفې ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ باھاسى ناۋاسنىڭ بۇ بىر يىلدىكى قالتىس ئىپادىسىنىڭ ئىسپاتى».



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号