• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    بۇلتۇر 12-ئايدا مىسىرنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىن %23.3 ئۆرلىدى

    مەنبە : news.xinhuanet.comتەھرىر : زورىگۈل ئىنكاس : 2يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 14:26

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:  

    مىسىر مەركىزىي بانكىسى 10-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، مىسىرنىڭ 2016-يىلى 12-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى 2015-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.27 ئۆرلىگەن، 11-ئايدىكىدىن %19.43 يۇقىرى بولغان.

    باياناتتا ئېيتىلىشىچە، شۇ ئايدا كونترول قىلىنىدىغان بۇيۇملار ۋە تەۋرىنىشچانلىقى بىر قەدەر چوڭ بۇيۇملارنىڭ يادرولۇق ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنى چىقىرىۋەتكەندە 11-ئايدىكىدىن %4.35 ئۆرلىگەن، ئۆرلەش نىسبىتى 11-ئايدىكى %5.33دىن تۆۋەن بولغان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.86 ئۆرلىگەن.

    بۇلتۇر 11-ئاينىڭ بېشىدا مىسىر جۈنەيسى تەۋرىنىشچان پېرېۋوت سىياسىتىنى يولغا قويغان ۋە كۇرسى زور نىسبەتتە چۈشكەندىن كېيىن، مىسىرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مال باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. مىسىرنىڭ مەركىزىي ئاممىىۋى سەپەرۋەرلىك ۋە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 10-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، 2016-يىلى 12-ئايدا مىسىرنىڭ يېمەكلىك، ئىچىملىك باھاسى %29.3 ئۆسۈپ، 11-ئايدىكى %15.2دىن يۇقىرى بولغان.

    مىسىر 2011-يىلىدىن بۇيان ئىككى قېتىملىق سىياسىي ھوقۇق ئالمىشىشنى باشتىن كەچۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىقتىسادى چېكىندى. مىسىر مەركىزىي بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، مىسىرنىڭ چەتئەل قەرزى قالدۇق سوممىسى 2016-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرى 60 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى 55 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان. نۆۋەتتە مىسىرنىڭ چەتئەل قەرزى قالدۇق سوممىسى دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %16.3ىنى ئىگىلەيدۇ. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号