• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئەنگلىيە ئامېرىكا بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى ساقلاۋاتقان ئۆچرەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا

    مەنبە : finance.sina.com.cnتەھرىر : زورىگۈل ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 15:34

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    سىنا تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ دېپلوماتىيە ۋەزىرى بورىس جونسون ئامېرىكا كاندىدات زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئامېرىكا بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى ساقلاۋاتقان ئۆچرەتتە بىرىنچى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

    جونسون 9-يانۋار كەچتە ئېلان قىلغان ۋېدىيو باياناتىدا: «بىزنىڭ ئاڭلىغىنىمىز-بىز بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىپتۇق، ئامېرىكا بىلەن ناھايىتى چوڭ بىر سودا كېلىشىمى ئىمزالايمىز، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن بۇ يىل كىشىنى بەكلا ھاياجانلاندۇرىدىغان يىل بولىدۇ» دېگەن.

    ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشتىن بۇرۇن يېڭى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. باش ۋەزىر تېرىسا مېي بىلەن تىرامپ بۇ يىل ئەتىيازدا كۆرۈشۈشنى پىلانلىدى، تېرىسا مېي بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ياردەمچىسىنى ئامېرىكىغا مەخپىي ئەۋەتىپ، تىرامپ ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەن.

    جونسون 9-يانۋار تىرامپنىڭ باش تاكتىكىچىسى ستېۋ باننون (Steve Bannon) ۋە تىرامپنىڭ كۈيئوغلى كۇشنېر (Jared Kushner) بىلەن كۆرۈشتى، ئاندىن يەنە 9-يانۋار ۋاشىنگوندا ئاۋام پالاتا باشلىقى پائۇل رىيان (Paul Ryan) ۋە ئۈچ پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇ ئۈچى كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىق پارتىيە رەھبىرى ماككونېل (McConnel) ھەمدە بوب كوركېر (Bob Corker) ۋە بېن كاردىن (Ben Cardin) قاتارلىقلار.

    كوركېر كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، BBC ئۇنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئەنگلىيە «ئالدىنقى رەتتە تۇرىدۇ»، دېدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كوركېر ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى «بىزنىڭ ئالدى بىلەن ئۇلار بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىش، لېكىن كېلىشىم ھەر قايسى تەرەپلەردىن بىزنىڭ بۇرۇنقى ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ»غانلىقىنى بىلدۈرگەن. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号