• بۈگۈن سەيشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    نىس كوچىلىرىدىكى بېن ئارفانىڭ سۈرىتىنىڭ ئورنىغا بالوتېللىنىڭ سۈرىتى ئالماشتى

    مەنبە : news.zhibo8.ccتەھرىر : sarkarda1 ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 15:43

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نۇر تورى تەرجىمىسى:

    «مىلان تەنتەربىيەسى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نىس كۇلۇبىنىڭ مەشىق مەركىزىگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر ئاھالىلەر رايونىدىكى تاملارغا ئىتاليەلىك چولپان بالوتېللىنىڭ باش سۈرىتى سىزىلغان بولۇپ، بىر يىل ئىلگىرى بۇ تاملاردا پارىژ سانت گېرمانغا يۆتكىلىپ كەتكەن چولپان بېن ئارفانىڭ سۈرىتى بار ئىكەنتۇق.

    بالوتېللىنىڭ نىس كۇلۇبىغا قوشۇلغانلىقى ھەمدە ئىتالىيەلىك بۇ چولپاننىڭ نىس كوماندىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى ھەرقايسى تور بېكەت ۋە گېزىتلەرنىڭ باش بېتىگە چىققانلىقى ئۈچۈن، بالوتېللىنىڭ سۈرەتلىرى نىس كوچىلىرىغا سىزىلغان. بېن ئارفا پارىژغا كەتتى، بىراق نىس توپ مەستانىلىرى يەنە بىر چولپانغا ئېرىشتى. 

    بۇ رەسىم سىزىلغان ئاھالىلەر رايونى نىس مەشىق بازىسىغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، كىچىك بالىلار دائىم بۇ يەردىكى مەيداندا توپ تېپىدۇ. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئىتالىيەلىك بۇ ھۇجۇمچى نىس خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ سەركىلىك ئورنىغا چىقىشتەك ياخشى نەتىجە، نىس كۇلۇبى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز ئىش بولدى.

    نۆۋەتتە نىس كوماندىسى بىرلەشمە رەت-تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندىكى موناكو كوماندىسىدىن 2 نومۇر، پارىژ سانت گېرماندىن 5 نومۇر ئۈستۈن تۇرماقتا. گەرچە ئىتالىيەلىك ھۇجۇمچى بالوتېللى كېيىنكى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ نىس كۇلۇبىغا قوشۇلغاندىن بۈگۈنگىچە بولغان 9 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 8 توپ كىرگۈزگەن.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号