• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    بىلباۋ ئاتلېتكا مۇداپىئەچىسى: پىكنىڭ پۇتبولنى ھۆرمەت قىلىشى كەمچىل

    مەنبە : dongqiudi.comتەھرىر : ئەكبەرجان توختى ئىنكاس : 8يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 15:56

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نۇر تورى تەرجىمىسى:

    بارسېلونا ئوتتۇرا بېكى پىك پەيدا قىلغان تالاش-تارتىش تېخى بېسقماي تۇرۇپ، رېپىرلار ھەيئىتى پېكنى كېسىم سوتىغا ئەرز قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بارسېلونانىڭ شاھلىق لوڭقىسدىكى رەقىبى بىلباۋ ئاتلېتكا ئوتتۇرا بېكى بوۋېدا بۇئىشقا قارىتا ئۆزىنىڭ قارىشنى سۆزلەپ ئۆتتى.

    بوۋېدا كوپې تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پىكنىڭ رېپىردىن ئاغرىنغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «پۇتبول دۇنياسنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدە-نىزامى بار، بۇ ھېچكىمنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. پىكنىڭ پۇتبول دۇنياسىنى ھۆرمەتلىشى كەمچىل» دېگەن.

    پەردە ئارقسىدىكى بىر قىسىم سودا توغرىسىدا سۇئال سورالغاندا ئۇ: «مەن ياقتۇرمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

    ئۇ داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىشلار سىزنىڭ كۈتكىنىڭىزدەك بولمىغان چاغدا، ئاندىن سىز شۇ ئىشلارغا قانداق باھا بېرىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايسىز» دېگەن.

    بىلباۋ ئاتلېتكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن پىك: «نېيمارنىڭ نۇقتا توپى ناھايىتى ئېنىق ئىدى، يەنە قارشى تەرەپ قاپقىچىسىمۇ ماڭا بىر قېتىم قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەن، ئۇمۇ ئېنىق نۇقتا توپ ئىدى، بىراق ھەممىمىز ھازىر نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلدۇق» دېگەن. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号