باش بەت

sarkarda1

684يوللانما
1مەستانە

بىلباۋ ئاتلېتكا ھۇجۇمچىسى شاھ لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 17:31 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بىلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى كېيىنكى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتە سەھەر 2:15دە ئوينىلىدۇ. تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىدە بىلباۋ ئاتلېتىكا كوماندىسى ئۈچۈن ئىككىنچى توپنى كىرگۈزگەن تۆھپىكار ھۇجۇمچى ئىناكى ۋىللىيامىس بەلكىم كېسەل سەۋەبىدىن ئىككىنچى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن «ماركا رادىئو ئىستانسىسى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىر پۇتبولچىغا نىسبەتەن يەكمۇ-يەك كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، مەنمۇ قارشى تەرەپ ئەزاسىدىن ئالدىنىپ قېلىشىم مۇمكىن، شۇنىڭغا ئوخشاش رېپېرمۇ مەيداندا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قېلىشى مۇمكىن، بىز ھەمىشە رېپىرغىلا تىكىلىپ تۇرىۋالماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى بەزىدە بىزنىڭ، بەزىدە ئۇلارنىڭ تەلىيى كېلىدۇ. بارسېلونا ناھايىتى قالتىس كوماندا، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن رېپىرلاردىن نارازى بولماسلىقى كېرەك. مەن ھەم رېپىرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقى بىلەن سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号