جۇڭگو ھاۋارايى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 10:51 دە قاتتىق بوراندىن ئاگاھلاندۇرۇش سېرىق رەڭلىك سىگنالى چىقاردى: بۈگۈن كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئوتۇنساي (سايئوپو)-جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى، قىبلىتاغ-سايكۆل (1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتى) تەرەپلەردە 6-5 بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى 8 بال بوران چىقىدۇ. ئۇلانباي- چوڭ كۆل (خوڭيەنچى) ئەتراپلىرىدا 7-6 بال شەرقىي-جەنۇب شامىلى چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى 10 بال بوران چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئەتراپىتكى ئاھالىلەرنىڭ بوران ۋە ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىيەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا