• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    خەلقىمىزدە بوۋاقلارنى ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى

    مەنبە : uy.ts.cnتەھرىر : گىلاس ئىنكاس : 9يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 16:22

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

       خەلقىمىزدە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىنى ئەمدۈرۈشتىن باشقا، ئۇلارغا مۇۋاپىق يېمەكلىك بېرىلىدۇ. بۇ ئادەتتە بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرۇش دېيىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يېمەكلىك بىلەن ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى ھېچقانداق دىنىي ئېتىقاد ئارىلاشمىغان، ساپ مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىشكە بولىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتتۇر. ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەر قانداق كەنت، مەھەللىلەردە شۇ يەردىكى كىشىلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان تۇغۇت ئانىسى بولىدۇ. بۇ تۇغۇت ئانىسى شۇ مەھەللىدىكى ئەڭ تەجرىبىلىك، گەپ سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكىتى چاققان، قولى يېنىك، ھەممە ئىشقا ئېپى بار ئاياللاردىن تاللىنىلىدۇ. ئۇلار تۇغۇت ئالدىدىكى ئانا ۋە بالىدا كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىش، ئالامەتلەرنى ئېنىق بىلەلەيدىغان، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا ۋە بالىنى قانداق پەرۋىش قىلىش، كۈتۈشنى بىلىدىغان، سالماق، تەمكىن بولۇشى كېرەك. ئايال مەيلى ئائىلىسىدە ئۆزى تۇغقان ياكى تۇغۇت ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ۋە ياكى دوختۇرخانىدا تۇغقان بولسۇن، بالا تۇغۇلغان ھامان ئاۋۋال بالىنىڭ ئېغىز، بۇرنىنى، بەدەنلىرىنى پاكىز سۈرتۈپ، كىندىكىنى بوغۇپ، ئىسسىق كۆرپە بىلەن زاكىلىنىدۇ. ئاندىن بالا ئېمىتىلىدۇ ۋە كېيىن مەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن يېمەكلىك بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلىدۇ.

       بالىنى تۇنجى ئېغىزلاندۇرىدىغان ئادەم چوقۇم روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، ئېغىر – بېسىق، كەمتەر، مۇلايىم، جۇشقۇن، باشقىلار بىلەن چىقىشقاق، لەۋزىدە تۇرىدىغان، مەرد، سېخى، مېھىر – شەپقەتلىك، كەڭ قورساق، ئەل ئارىسىدا ئىززەت – ھۆرمىتى بار، دوستلۇققا يارايدىغان بولۇشى كېرەك. بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە بالىنى كىم ئېغىزلاندۇرسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كېڭەش بولىدۇ. ئەر – ئايال مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق شۇ مەھەللىدىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك خاراكتېرىگە ئىگە بىرەر كىشىنى(ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن) كۆڭلىگە پۈكىدۇ. ئايال ئەگەر بالا ساق – سالامەت تۇغۇلسا پالانى ئېغىزلاندۇرسۇن دېگەندەك ئارزۇسىنى ئائىلە ئەزالىرىغا ئېيتىدۇ. بالا تۇغۇلغاندا ئائىلە ئەزالىرى شۇ كىشىنى بالىنى ئېغىزلاندۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بالىنى ئېغىزلاندۇرىدىغان نەرسە قەنت، ئۆرۈك مېغىزى، نان دېگەندەك يېمەكلەر بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاچچىق – چۈچۈك، تۇزلۇق يېمەكلىكلەردە ئېغىزلاندۇرۇشتىن پەرھىز تۇتىلىدۇ. بوۋاقنى تۇنجى ئېغىزلاندۇرىدىغان يېمەكلىك ئەگەر تۇزلۇق، ئاچچىق – چۈچۈك، تەمسىز بولسا بالا چوڭ بولغاندا سەپرا مىجەز، ئاچچىقى يامان، تەلۋە، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالمايدىغان، جېدەلخور چوڭ بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. قەنت، نان، ئۆرۈك مېغىزى دېگەندەك يېمەكلىكلەردە ئېغىزلاندۇرۇلسا، بالا چوڭ بولغاندا سۆزى قەنتەك تاتلىق بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. يەنە بالا تۇغۇلۇپ 40كۈن بولغىچە يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممە تۈرىدىن بالىلارغا يېگۈزۈلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىلار چوڭ بولغاندا تاماق تاللىمايدىغان، بەدىنى ساغلام بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. بالا يېڭى تۇغۇلغاندا بەزى بالىلارنىڭ بېشى، يۈزى ئۇزۇن، بۇرنى كەڭ تۇغۇلىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ بېشىنى، يۈزىنى داكا بىلەن تېڭىپ، بۇرنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىر نەرسە قىستۇرۇپ قويسا بالا چىرايلىق چوڭ بولىدۇ. بالىنى بۆشۈككە بۆلەشنىڭمۇ ناھايىتى زور رولى بار. بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىنىڭ پۇتى، پاچاقلىرى رۇس، بەدىنى كېلىشكەن ئادەم بولىدۇ. بۇلار بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاتا – ئانىلار چوقۇم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئادەت ھېسابلىنىدۇ.

       ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئادەتلەر ھەرگىز ئاساسسىز ئەمەس. ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار. بۇلار خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ يەكۈنى. بوۋاقنى ياخشى پەزىلەتلىك ئانا تۇغدۇرغان، ئېسىل خىسلەتلەرگە ئىگە ئادەم تاتلىق يېمەكلىكلەردە ئېغىزلاندۇرغان ئىكەن، بالىغا شۇنداق خىسلەتلەر تەبىئىي سىڭىدۇ. ئەجدادلىرىمىز بالا تەربىيەسىگە مانا مۇشۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان، بالىلار تۇغۇلۇش بىلەنلا ياخشى پەزىلەت بىلەن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن.

       بالىلارغا ئىسىم قويۇشتىمۇ خەلقىمىزدە 3، 7، 9 دېگەندەك سانلار، ھەپتىنىڭ جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى تاللىنىپ ئىسىم قويۇلىدۇ.




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号