باش بەت

خۇلۇۋا

93يوللانما
2مەستانە

«سۇ بويىدا» فىلىمىدىكى لىن چۇڭ ئەسلىدە قانداق ئۆلگەن؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 17:25 0 ئىنكاس چۈشتى


دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە-تىياتىرى «سۇ بويىدا» فىلىمىدىكى ئاساسلىق پېرسوناژلارنىڭ بىرى بولغان «قاپلان باش» لىن چۇڭنىڭ نۇرغۇن تارىخى فىلىملەردىكى ئۆلۈش سەۋەبى ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن: 


1. دۆلىتىمىزنىڭ مەشھۇر «سۇ بويىدا» ناملىق تارىخى روماننىڭ ۋەقەلىكى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «سۇ بويىدا» ناملىق فىلىمىدە لىن چۇڭ سۇڭجاڭنىڭ ئۇنىڭ گاۋچۇنى ئۆلتۈرۈشتىن توسىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقتا قان قۇسقانلىقى كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاغرىپ قېلىپ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇنى «ئاچچىقتىن ئۆلۈش»دەپ تەسۋىرلىگەن. ئەمەلىيەتتە، لىن چۇڭنىڭ ئەزەلدىنلا مالېخۇلىيە كېسىلى بار بولۇپ، مەزكۇر فىلىمدە لىن چۇڭ نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ مەشقاۋۇلى بولسىمۇ بىراق ئۆزىنىڭ ئايالىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ، گاۋ چۇ ئاتا-بالا تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن بوزەك قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا قەتئىيلا ئامالسىزلىقتىن «لياڭشەن»گە چىقىپ كېتىدۇ. «لياڭشەن»نىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئاتامانى چاۋ گەي ئۆلگەندىن كېيىن، سۇڭ جياڭ ئاتامانلىقتا ئولتۇرىدۇ، راست گەپنى قىلغاندا، لىن چۇڭ ئوردا پەرەسلىكتە ئۇچىغا چىققان سۇڭ جياڭنىڭ ئاتامانلىقتا ئولتۇرغانلىقىغىمۇ تازا رازى ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ كېيىن ئۇ گاۋچۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت كەلگەندىمۇ سۇڭ جياڭنىڭ توسۇۋېلىشى بىلەن ئۆلتۈرەلمىدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاچچىقنى تېخىمۇ ھەسسىلىۋېتىدۇ، ئەلۋەتتە. قەلبىگە تولۇپ كەتكەن قىساس ۋە ئازاب ئۇنىڭ شۇنداق ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە سەۋەبچى بولغان. 

2. سۇڭ جياڭ قوشۇنى فاڭلاغا قوشۇن تارتىپ ئۇنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن قايتىش داۋامىدىكى يولدا لىن چۇڭغا ئۈششۈك تېگىپ ئاغرىپ قالغان. ئاندىن خاڭجۇدىكى ليۇ خې ئىبادەتخانىسىدا ۋۇسۇڭ بىلەن بىللە قېلىپ قالغان، يېرىم يىل كېسىلىنى داۋالاتقان بولسىمۇ ساقىيالماي ئۆلۈپ كەتكەن. «كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن» لىن چۇڭ لياڭشەندىكى پالۋانلار ئىچىدە رەت-تەرتىپى 6-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىلگىرى شىمالى ئاستانىدىكى 800مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان. ئۇنىڭ ئايالى گاۋ چۇنىڭ ئاسراندى ئوغلى بولغان گاۋ يانى تەرىپىدىن پوخورلۇق قىلىنغان، لىن چۇڭنىڭ ئۆزىمۇ گاۋچۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ئاقىۋەت ساڭجۇغا پالىنىپ، يولدا يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىلى تاس قالغاندا لۇ جىشىن ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغان. كېيىن ساڭجۇدىكى تۈرمىنىڭ ناھىيە سىرتىغا يېقىن بىر يەردىكى سامانلىققا قاراشقا قويۇلغاندا يەنە گاۋچۇغا سېتىلىپ كەتكەن لۇچىيەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغىلى تاس قالغان. ئۇ لۇچىيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ماكانسىز قېلىپ «لياڭشەن»گە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، لېكىن «لياڭشەن»نىڭ ئاتامانى ۋاڭ لۈن بىلەن تازا چىقىشىپ كېتەلمىگەن، كېيىن چاۋگەي بىر تۈركۈم ھەمراھلىرىنى ئېلىپ «لياڭشەن»گە چىققاندا «لياڭشەن»نىڭ ئاتامانى ۋاڭ لۈن ئۇلارغىمۇ لىن چۇڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك سوغۇق مۇئامىلە قىلغان. نەتىجىدە ئاچچىقى كەلگەن لىن چۇڭ ۋاڭ لۈننى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئاتامانلىققا چاۋ گەينى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان. لىن چۇڭنىڭ جەڭ ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ نۇرغۇن غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلغان. فاڭلانىڭ بىر تۈركۈم غەليانچى قوشۇنىغا جازا يۈرۈشى قىلغاندا، غەلىبە قازىنىپ قايتىپ كېلىش داۋامىدا، لىن چۇڭغا ئۈششۈك تېگىپ، خاڭجۇدىكى ليۇ خې ئىبادەتخانىسىدا قېلىپ كېسىلىنى داۋالاتقان، ئۇنىڭغا پەقەت بىر قولى چولاق بولۇپ قالغان ۋۇسۇڭ قارىغان. لېكىن يېرىم يىلدىن كېيىن كېسىلى ياخشىلانماي ئۆلۈپ كەتكەن. 

«سۇ بويىدا»ناملىق كىتابتا لىن چۇڭنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: لىن چۇڭنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى سەۋرچانلىق. گاۋ يانېينىڭ ئارقا-ئارقىدىن قىلغان خورلۇقلىرىغا يەنىلا چىدىغان، ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا لۇ جىشىن بولۇپ قالغان بولسا ئاللىبۇرۇن قانلىق ۋەقە چىققان بولاتتى، بىراق لىن چۇڭ باشتىن ئاخىرى سالماق، ئېغىر بېسىق تۇرغان. بىراق يەنىلا ئاقىۋەتتە گاۋ جەمەتى تەرىپىدىن ئائىلىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا لىن چۇڭمۇ پارتلاپ چىقتى، ئاۋۋال گاۋچۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئايغاقچى لۇچىيەن بىلەن فۇ ئەننى ئۆلتۈردى، لياڭشەنگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ مىجەزىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئۇنىڭ ۋاڭ لۈننى ئۆلتۈرۈشى دەل ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ناھەقچىلىككە سەۋىر-تاقەت قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كېيىن سۇڭ جياڭ ئاتامانلىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن ئۇ لياڭشەندىكى بەش سەركەردىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، لېكىن سۇڭ جياڭنىڭ ئوردىغا تەسلىم بولۇشنى قارار قىلىشى، ئۇنىڭ يەنە قايتىدىن ئىلگىرىكى قان رەقىبى بولغان گاۋ چۇنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلىشىدىن دېرەك بېرەتتى. لېكىن گاۋ چۇدەك رەقىبى ئۈچۈن ئىشلەشنى ئۇ قوبۇل قىلالمايدۇ، بىراق ئالىيجانابلىق ۋە سۇڭ جياڭنىڭ يۈزى تۈپەيلى ئۇ يەنىلا ھېچقانداق قارشى ھەركەت قوللانمىدى، سەۋىر قىلىشنى ئويلىدى، بىراق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان بىر كىشىگە قانداقمۇ سەۋىر قىلغىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ قەلبىدە قارشى زىددىيەتلىك ئوي-پىكىرلەر تۇغۇلدى. ئاقىۋەت ئۇنىڭ پسىخىكىسىدا زور تېڭىرقاش كۆرۈلۈپ، قايغۇ-ھەسرەت بىلەن قازا قىلدى، دېمەك لىن چۇڭنى «بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئۆلگەن»دېيىشكە بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号