نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيە ئېفې ئاخبارات ئاگېنتلىقى 2016-يىللىق ئىبىرىيە ئامېرىكىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىنى باھالاپ ئېلان قىلغان بولۇپ، خانلىق مادىرىدنىڭ كوستارىكالىق قاپقىچىسى ناۋاس بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى(ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىدا ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە بار، بۇ ئىككىسى ئامېرىكا قىتئەسىدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالغان، بۇرۇن بۇ ئىككى دۆلەت بېسىۋېلىپ، ھازىر مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنى ئىبىرىيە ئامېرىكىسى دەيدۇ).
كۇلۇب رەئىسى فىلورېنتىنونىڭ ھەمراھلىقىدا، ناۋاس مادىرىدتىكى ئېفې ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چوڭ زالىدا مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە تەسىراتىنى سۆزلىدى.
ناۋاس: «تەڭرى ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ، مېنىڭ چۈشلىرىمنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. دەل مۇشۇ پەيتتە، مەن تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. خانلىق مادىرىدتەك بۇنداق زەردار كۇلۇبتا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەندىكى ھېسسىيات ناھايىتى قالتىس. ئېفې ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا رەھمەت، سەپداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار دائىم ماڭا ياردەم قىلىدۇ».
«مېنىڭ ناھايىتى قالتىس قاپقىچى مەشقاۋۇلۇم بار، بىز ھازىر دائىم لوپىس بىلەن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ مەشىق قىلىمىز. مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز تونۇشقىلى بەك ئۇزۇن بولدى، ئۇنىڭدىن ئىزچىل ئۆگىنىش ۋە ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئارزۇيۇم بار، مانا بۇ مېنىڭ تۇرمۇشتىكى دائىملىق ئەھۋالىم».
«بىز ھەمىشە بۇ تەرەپلەرگە بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىمىز، جاپالىق مەشىق قىلىپ، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشقاچقا دەل بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەر بولغان. بىز ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇنداق يۇقىرى پەللىگە يېتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. بىز ناھايىتى خۇشال، ھەم بىز ئارتۇقچىلىقىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەر ناھايىتى كۆپ، مېنىڭ داۋاملىق غەلىبە قىلغۇم بار، خۇددى بىز دائىم قىلىۋاتقاندەك».
«بىز داۋاملىق كەمتەر بولىمىز، بىز ناھايىتى ياخشى قىلىۋاتىمىز، لېكىن ئالدىمىزدىكى يول تېخى ئۇزۇن، بوشىشىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز بۈگۈنكى نەتىجىلەرگە قانداق ئېرىشكەنلىكىمىزنى ئېنىق بىلىمىز، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز، چۈنكى بىزنىڭ يەنە بۇ يىلقى بارلىق چىمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكىمىز بار».
ئېفې ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ رەئىسى جوسى ئانتونىئو بېلا ناۋاسقا مۇنداق باھا بەردى: «ئۇنىڭ تاللىنىشى ھەقلىق، چۈنكى بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىقى، كەسىپچانلىقى ۋە كەمتەر پوزىتسىيەسىدىن كەلگەن، ئۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ خانلىق مادىرىدنىڭ ئەڭ قالتىس قاپقىچىسى بولالايدىغانلىقىنى، كوماندىنىڭ قاپقىسىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى».
ناۋاسنىڭ ۋەتىنى كوستارىكانىڭ بىرىنچى ئايال خانىمى مېرسېدېس پېناس نەق مەيدانغا كەلدى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى: «دەل كېيلور ناۋاسنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تەقدىم ئېتىش روھى بولغانلىقى ئۈچۈن، كوستارىكانىڭ كېچىلىرى چىراقلار يېنىق بولدى، بۇ پەقەت كېچىدە ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈندۇر. ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭ ئورنى بار، ئۇ كوستارىكانىڭ بايرىقىنى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە ئېگىز لەپىلدەتتى. ئۇ ناھايىتى قالتىس كەسپىي توپچى، شۇنداقلا كوستارىكادىكى بارلىق كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈردى، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنى. كېيلور خەلق قەھرىمانى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ قەھرىمانى».