باش بەت

جاھانكەزدى

14371يوللانما
10مەستانە

ھىندىستاندىكى تىلەمچى چىقمايدىغان ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەت

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 18:00 0 ئىنكاس چۈشتى

2013-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامرىتساردىكى ئالتۇن ئىبادەتخانا، بېشىغا 500 مېتىرلىق رەختتىن سەللە ئورىۋالغان ئەنئەنىۋى شىك دىنى مۇرىتى. شىك دىنى مۇرىتلىرى پەخىرلىنىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ روشەن بەلگە دەل ئۇلارنىڭ چوڭ سەللىسى. 

شىك مىللىتى ھىندىستاندىكى 4-چوڭ مىللەت. 1947-يىلى، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئايرىلغاندىن كېيىن، «شىكلار مەسىلىسى» ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 

شىك قىزلىرى ئادەتتە ناھايىتى چىرايلىق كېلىدۇ. 

بۇ شىك دىنى مۇرىتىنىڭ سەللىسىنىڭ ئېغىرلىقى 25 كىلوگىرام كېلىدۇ. ئۇ ئۆتكەن بەش يىلدا بۇ سەللىنى ئىزچىل بېشىدىن ئالماي كەلگەن! شىك دىنى 16-ئەسىردىن باشلاپ جەنۇبىي ئاسىيا سۇب قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى پەنجاب رايونىغا تارقالغان بىر خىل دىن بولۇپ، ھىندى دىنىدىن ئايرىلىپ چىققان بىر مەزھەپ، شۇنداقلا ھىندىستاندىكى 4-چوڭ دىن ھېسابلىنىدۇ. 

دەسلەپكى مەزگىللەردىكى شىك دىنى جەڭچىلىرى. شىك مەزھىپى باشقىلاردىن پەرقلىق بولغان تەشكىللىك قوراللىق گۇرۇھ بولۇپ، ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل موغۇل خانلىقى بىلەن كۈرەش قىلغان، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇستەقىل فېئودال خانلىق قۇرۇپ، ساتلېي دەرياسىدىن كىبېر تېغى ئېغىزىغىچە ۋە سىندۇ دەرياسىدىن كەشمىرگىچە بولغان كەڭ زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1845-يىلى ۋە 1848-يىلى ئەنگلىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قەھرىمانلىق بىلەن قارشى تۇرغان. 1966-يىلى شىك مىللىتىنى ئاساس قىلغان پەنجاب ئۆلكىسىنى قۇرغان. 

شىك ئانا-بالا

شىك بالىلار

شىك ئايال 

ھىندىستانلىق بىر ئەرنىڭ شىك دىنى مۇرىتى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي، چۈنكى ئەڭ ئىسسىق كۈنلەردىمۇ، شىكلار بېشىغا قېلىن سەللە يۆگەپ يۈرىدۇ. شىك ئەرلەر ئادەتتە كەلسە-كەلمەس كۈلكە چاقچاق قىلمايدۇ. 

شىك ئاشىق-مەشۇقلار 

ھازىرقى زامان شىك ئەرلىرى چېچىنى ئۆستۈرۈپ، بىلەيزۈك تاقاپ، پىچاق ئېسىپ، يۆگىمە ئىشتان كىيىپ، ئۇزۇن ساقال قويۇپ، بېشىغا سەللە يۆگەپ يۈرىدۇ. ياشلار ئادەتتە سەللىنى كېمە شەكلىدە يۆگەشنى ياخشى كۆرىدۇ. 

شىك دىنى قاراۋۇلى 

شىك قىزلارنىڭ بويى ئېگىز، چىرايلىق، تېرىسى نىسبەتەن ئاق كېلىدىغان بولۇپ، ھىندىستاندىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ چىرايلىق مىللەت دەپ قارىلىدۇ. 

شىك بالا 

شىكلارنىڭ ھىندىستان نوپۇسىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %2.5 بولۇپ، ناھايىتى جانلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ. 

كۆپ ساندىكى شىكلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 

شىكلارنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تىنچلىقنى سۆيىدىغان بۇ كوللېكتىپ قەيسەرلىكى ۋە  ئۇرۇش روھى بىلەن داڭق چىقارغان. 

قاتلىما پىشۇرۇۋاتقان شىك ئاياللىرى 

شىكلارنىڭ بېشىغا ئورايدىغان رەخت TURBAN دەپ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە شىك ئوغۇللار ئەقىل يېشىغا توشقاندىن باشلاپ ئۇزۇن چاچ قويىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم شىكلار بىر ئۆمۈر چېچىنى كەسمەيدىغان بولۇپ، قېرىغاندا نەچچە مېتىرغا يېتىدۇ. 

پەنجابتىكى ئىخلاسمەن شىك دىنى مۇرىتى، بۇنداق كىيىنىش كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. 

بەزىلەرنىڭ سەللىسىنىڭ چوڭلۇقىدىن، بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالىدۇ. 

ھىندىستان ئامرىتسار ئالتۇن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدى. بەزىدە شىك مۇرىتلىرى بىلەن ھىندى دىنى مۇرىتلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپمۇ قالىدۇ. 

ھىندىستان ئامرىتسار ئالتۇن ئىبادەتخانىسى، شىك دىنىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدۇ. 

ھىندىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىدىكى ئامرىتسار ئالتۇن ئىبادەتخانىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ماننىتول كۆلچىكى دېگەن مەنىسى بار بولۇپ، %80تىن ئارتۇق شىكلار پەنجاب ئۆلكىسىدە ياشايدۇ، پەنجاب ئۆلكىسى يەنە نۆۋەتتە ھىندىستاندىكى ئەڭ گۈللەنگەن ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ. 

1984-يىلى ھىندىستان ئارمىيەسى ئامرىتسار شىك ئالتۇن ئىبادەتخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان. سۈرەتتە: يارىلانغان شىك دىنى مۇرىتى. 

ئىبادەتخانىنىڭ ئىچى

شىكلارنىڭ توي مۇراسىمى. شىكلار بىر ئەر بىر ئاياللىق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 

شىكلار ناھايىتى ئىتتىپاق بولۇپ، شىك مۇرىتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. 

شىكلار ئەزەلدىن تىلەمچىلىكنى يامان كۆرىدىغان بولۇپ، دىنغا مۇخالىپ دەپ قارايدۇ. شۇڭا شىكلاردىن ئەزەلدىن تىلەمچى چىقمايدۇ، شۇنداقلا ئەزەلدىن تىلەمچىگە سەدىقىمۇ بەرمەيدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号