باش بەت

زورىگۈل

5613يوللانما
4مەستانە

نيۇيورك سوت مەھكىمىسى بان كىمون جەمەتىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكىنى ئەرز قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 17:42 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولغان بان كىمون خەلقئارا سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە سەھنىسىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بان كىمون تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن كورېيە سىياسىي سەھنىسىدە ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كورېيە زۇڭتۇڭلۇقىنى تالاشماقچى بولغان، كۈتۈلمىگەندە چىرىكلىشىش دېلوسى ئۇنىڭ جەمەتىگە چېتىلىپ قالدى. 10-يانۋار نيۇيورك فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى پارا ئالغانلىق جىنايىتى بىلەن بان كىموننىڭ ئىنىسى ۋە جىيەنىنى رەسمىي ئەرز قىلدى.

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 11-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، نيۇيورك سوت مەھكىمىسى 10-يانۋار پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن بان كىموننىڭ ئىنىسى ۋە جىيەنىنى ئەيىبلىگەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ 39 بەتلىك ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بان كىموننىڭ ئىنىسى ۋە جىيەنى ئوتتۇرا شەرق دۆلىتىنىڭ ئەمەلدارىنى سېتىۋېلىشنى بىرلىشىپ پىلانلىغانلىقىدىن گۇمان قىلىنغان. خەۋەردە بۇ دېلونىڭ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.

لېكىن ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ بۇ دېلونى ئاشكارىلىشىچە، مانخاتتان باش تەپتىشى بارارا 2013-يىلىنىڭ بېشىدا كورېيە قۇرۇلۇش شىركىتى-Kyung Nam كارخانىسى كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ، ۋېيتنامدىكى بىر بىناسىنى سېتىۋەتمەكچى بولۇپ، بان كىموننىڭ ئىنىسى ۋە جىيەنىگە ۋاكالەتچىلىك كەسپىدە ياردەم قىلىشنى ھاۋالە قىلغانلىقىنى، بىنانىڭ 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھادا سېتىلغانلىقىنى، شېرىنكانىنىڭ نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغانلىقىنى ئېيتقان. بان كىموننىڭ ئىنىسى شۇ چاغدا بۇ كارخانىنىڭ بىر مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى مانخاتتاندا بىر ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتى ئاچقان.

بان كىموننىڭ ئىنىسى ئاتا-بالا بۇ ئىشنى ئالغاندىن كېيىن نيۇيوركتىكى ب د ت قۇرۇلتىيى مەزگىلدە  ئوتتۇرا شەرق دۆلىتىنىڭ سىياسىي ئەربابى بىلەن كۆرۈشۈپ مەخپىي سۆزلىشىپ بۇ ئىشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوتتۇرا شەرق دۆلىتىنىڭ بىر ئەمەلدارىغا نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى پارا بېرىپ، بۇ ئەمەلدارنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ھوقۇقى، بايلىقىدىن پايدىلىنىپ Kyung Nam كارخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى سېتىۋېلىشقا كۈشكۈرتكەن.

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىش ئەڭ ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشمىغان، Kyung Nam كارخانىسىمۇ 2015-يىلى رەسمىي ۋەيران بولۇشى تەرتىپىگە كىرگەن، ئۇنىڭ باش دېرىكتورى ئۆلۈۋالغان. كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى يەنە بۇ ئوتتۇرا شەرق دۆلىتىنىڭ قاتار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مانخاتتان باش تەپتىشى بارارا ئەيىبلەپ: «بۇنداق ئاتالمىش پارا بېرىش ۋە ئالدامچىلىق قىلىش پىلانى سەمىمىيلىك ۋە سودا كەسپىنىڭ ئاشكارىلىقىغا ئىشىنىدىغان بارلىق كىشىلەرگە دەخلى-تەرۇز قىلدى ھەم بىزگە نيۇيورك شەھىرىگە خەلقئارا چىرىكلىكنى ئەكەلگەن ئادەمنى ئامېرىكا قانۇنى سوتلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى» دېدى. نۆۋەتتە بان كىموننىڭ ئىنىسى دادا-بالا چىرىكلەشكەن، پۇل يۇغان قاتارلىق كۆپلىگەن جىنايەت ناملىرىدا ئەيىبلەندى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号