• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    مەركىزىي بانكا جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ بىت تەڭگىسى سودا بېرژىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

    مەنبە : ftchinese.comتەھرىر : زۇلفىيە ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 17:35

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش


    پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    جۇڭگو نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بىت تەڭگىسىنىڭ كاپىتالنى چەت ئەلگە قاچۇرۇشنىڭ قولاي يولى بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى. ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى قائىدە-نىزاملار بىت تەڭگىسى ئارقىلىق زور سوممىلىق مەبلەغنى يۆتكەشكە ماس كەلمەيدىكەن.

    يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈشى بىلەن بىت تەڭگىسى پۇل قىممىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى ئوتتۇرىسىدا قارىماققا مەۋجۇت بولغان باغلىنىشچانلىق مۇنداق پەرەزنى كەلتۈرۈپ چىقاردى: گەرچە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل مەخپىي شىفىر قوشۇلغان ئېلېكترونلۇق پۇل نۇرغۇن مەبلەغنى جۇڭگودىن باشقا جايلارغا يۆتكەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، دېگەن قاراشتىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇخىل مەۋھۇم كاپىتال كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشىغا ياردەم قىلماقتا.

    2016-يىلى بىت تەڭگىسىنىڭ جۇڭگودىكى باھاسى %145 ئۆستى، ھالبۇكى خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتى ئەڭ ناچار بولغان بىر يىل بولۇپ %6.5 تۆۋەنلىدى. bitcoinity.orgنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 6 ئايدا خەلق پۇلى سودىسى يەر شارى بىت تەڭگىسى سودا مىقدارىنىڭ %98نى ئىگىلىگەن.
    جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمى (بېيجىڭ) ۋە شاڭخەي باش شىتابى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ ئاساسلىق بىت تەڭگىسى سودا سۇپىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ھەمدە مۇناسىپ تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىت تەڭگىسىنىڭ پۇل قىممىتى %9 چۈشۈپ كەتتى.
    2013-يىلى، جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى بىت تەڭگىسى بازىرىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا مەركىزىي بانكا پەرمان ئېلان قىلىپ، بىت تەڭگىسى ھەقىقىي پۇل ئەمەس، بانكىلارنىڭ بىت تەڭگىسى سودىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دېگەن ئىدى. لېكىن بىت تەڭگىسى سودا سۇپىسى تىجارىتى قىلغۇچىلار جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ يېقىندىكى سۆھبىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ مەركىزىي بانكىنىڭ يەنە بىر قېتىم زەربە بېرىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېدى.
    جۇڭگو بىت تەڭگىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى چىيۈەن «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» گە: «ئۆتكەن ئىككى-ئۈچ يىلدا بىز ئۇلار بىلەن كۆپ قېتىم  كۆرۈشتۇق. 
    مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ مەقسىتى كىشىلەرگە مەركىزىي بانكىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇش. باھانىڭ قالايمىغان بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇ ئۇلارنىڭ ئىمتىيازى» دېدى.
    مالىيە خەۋەرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاشقى پېرىۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى (SAFE) يېقىندا جۇڭگودىكى نۇرغۇنلىغان بىت تەڭگىسى سودا سۇپىلىرىنىڭ سۇپا ھەرىكەت ئەندىزىسىنى «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان». Huobi.com ۋە OKCoin چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلدى.
    تەجرىبىسى مول بىت تەڭگىسى مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى قائىدە-نىزاملار بىت تەڭگىسى ئارقىلىق زور سوممىلىق مەبلەغنى يۆتكەشكە ماس كەلمەيدىكەن.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号