• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    شىنجاڭ خۇسۇسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى يىللىق يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى

    مەنبە : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات مەركىزىتەھرىر : بوغدا دوختۇرخانىسى ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 17:42

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    شىنجاڭ خۇسۇسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى يىللىق يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى

     

    2017-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇنجى قېتىملىق ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتى تەرەققىيات يىللىق يىغىنى ۋە 11-قېتىملىق پۇقراۋىي دوختۇرخانىلار يىللىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە غەلبىلىك ئېچىلدى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت،شەھەرلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بولۇپ 100دىن ئارتۇق ئادەم بۇ يىغىنغا قاتناشتى.

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتېتى پارتىيە ياچېيكا ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر مەخمۇت تۇرسۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق داۋالاش ساقلىق –ساقلاش مۇلازىمەت باشقۇرۇش يېتەكلەش مەركىزى سېكرىتارى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىببىي ئىلىم جەمئىيىتى مۇئاۋىن باشلىقى تيېمېي قاتارلىق رەھبەرلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

     

    «2016-يىللىق شىنجاڭ سەھىيە يىللىق توپلام ستاتىستىكىسى»دا ئېلان قىلىنىشىچە، 2015-يىلغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سەھىيە داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ سانى 18789قا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ سانى 8498بولۇپ، جامائەت كۈچىگە تايىنىپ قۇرغان سەھىيە داۋالاش ئورگانلىرىدىن 4895ى باركەن، شەخسىيلەر قۇرغان سەھىيە داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ سانى 5405كە يېتىپ ئۇمۇمىي ساننىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %45.21، %26.04، %28.75 نى ئىگەللىگەن. دىمەك  جامائەت كۈچىگە تايىنىپ قۇرغان سەھىيە ئورگانلىرى ۋە شەخسى قۇرغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇمۇمى سانى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت قۇرغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشكەن.

      

          شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى لىدىرى، شىنجاڭ خۇسۇسىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ پۇقراۋىي دوختۇرخانىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەركىن ھاشىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ھەمدە  ھەيئەت ئورۇنلارنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ "بىر يول بىر بەلباغ" ستىراتىگىيىلىك قەدىمىگە يېقىندىن ماسلىشىپ،  ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان دوختۇرخانىلارنىڭ تەرەققىياتتىكى تەكشىسىزلىكىنى ئازايتىپ، ئۇلارنى يۇقىرى سەۋىيەلىك، كۆلەملەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىگە مېڭىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇتتى.

         شۇكۈنى، شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ جىيايىن دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى قاتارلىق 7دوختۇرخانىدىن تاللانغان 17نەپەر دوختۇرغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا " مۇنەۋۋەر تىببىي خىزمەتچى"، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلىك شەخس"، " مۇنەۋۋەر ياش دوختۇر" قاتارلىق شەرەپلىك نام بېرىلىپ تەقدىرلەندى.

     

     



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号