باش بەت

baykuq

371يوللانما
0مەستانە

روتسچىلد جەمەتى ئەنگلىيە بازىرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بازىرىغا كۆز تىكتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 17:52 0 ئىنكاس چۈشتى

يېقىندىن بۇيان روتسچىلد جەمەتى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر ئاشكارىلاندى، خەۋەردە دېيىلىشىچە، روتسچىلد جەمەتى مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى ئەنگلىيە بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى  ئېلان قىلغان بولۇپ، خادىملىرى پارىژ، ليۇكسېمبۇرگ ۋە جەنۋەدىكى تارماق شىركەتلەرگە بۆلۈۋىتىلگەن. روتسچلد جەمەتى دۇنيا بويىچە يۇقىرى ئابرويغا ئىگە، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە پۇل مۇئامىلە ئىمپېرىيىسى دېگەن نامى بار. روتسچلد جەمەتىنىڭ ئەنگلىيە بازىرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كاللىمىزدا مۇنداق ئىككى سوئالنى پەيدا قىلىدۇ: بىرى، ئۇلار نېمىشقا ئەنگلىيە بازىرىدىن چېكىنىدۇ؟ يەنە بىرى، ئەنگلىيە بازىرىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن قايسى دۆلەت ۋە ساھەلەرگە مەبلەغ سالىدۇ؟

روتسچلد جەمەتى 200 يىلدىن ئۇزاق تىجارەت تارىخىغا ئىگە، تۆت ئەۋلاد ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەن، نۆۋەتتە تۆتىنچى ئەۋلاد روتسچلد ئائىلىسى بۇ جەمەتكە ۋارىسلىق قىلىۋاتىدۇ. 

لوندون ئىزچىل روتسچىلد جەمەتىنىڭ پۇل مۇئامىلە تىجارەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن، شۇنداقلا ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئەنئەنىۋى كەسپ رايونى ئىدى. ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، روتسچلد جەمەتى لوندوندا نېيسىن مېير روتسچلدتىن باشلانغان، 1798-يىلى مېيرنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى نېيسىن مېير روتسچلد فرانكفورتتىن ئايرىلىپ ئەنگىلىيەگە بېرىپ، 1804-يىلى لوندوندا تارماق بانكا قۇرغان، شۇندىن بۇيان روتسچلد جەمەتى ئەنگلىيەدە يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. نېيسىن ئىنتايىن داڭلىق شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ئىش ئىزلىرى خېلىلا كۆپ، مەسىلەن نېيسىن ۋاتېرلو ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ قەرزدارىغا ئايلاندى، كېيىن ئىنگلاند بانكىسىنى كونترول قىلدى، 1815-يىل ناپالىئون ئۇرۇشى مەزگىلىدە نېيسىن ئالتۇن باھاسىنى بېكىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

نېيسېن لوندوندا ئىشىنى ياخشى باشلىۋالغانىدى، لوندون دۇنيانىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ، ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم سودىگەرلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار لوندوندا پېرىۋوت ئالماشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش كەسپلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. روتسچلد جەمەتىنىڭ كېيىنكى پۇل مۇئامىلە كەسپلىرىدە پېرىۋوت ئالماشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش كەسپلىرى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتتى. روتسچلد جەمەتى مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغنى قايتا يۈرۈشتۈرۈش كەسپلىرى ئارقىلىق ھەر كەسپ ھەر ساھەگىچە كېڭەيدى.

ئەمەلىيەتتە روتسلچد جەمەتى ئىنتايىن كىچىك پېئىل، داۋراڭسىز بولۇپ، مۈلۈكلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بازارغا سېلىنمىغان، بايلىقلىرىنىڭ پايدا تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشمۇ كەمدىن كەم كۆرۈلەتتى. جەمەت مۈلكىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، بايلىقنىڭ سىرتتىكىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلار يېقىن تۇغقانلار تويلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نەۋرە تۇغقانلار ئۆزئارا تويلاشقان.

تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، روتسچلد جەمەتىنىڭ ئاتا جەمەت يېقىن تۇغقانلار بىلەن ئانا جەمەت يېقىن تۇغقانلىرى ئۆزئارا تويلىشىش ئۇسۇلى ئىلمىيلىككە ئىگە بولۇپ، بىۋاستە تۇغقانلارنىڭ تويلىشىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغان.

ياكۇب بىر ئەۋلادقا كەلگەندە روتسچلد جەمەتىنىڭ تەرەققىياتى چېكىنىشكە باشلىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرى ئامېرىكىدا سېتىۋېلىپ قوشۇۋېلىش ئىشلىرى ئەۋج ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەۋەككۈلچىلەردىن مورگان، گولدمان قاتارلىقلار مەبلەغ بانكىلىرىنىڭ بەلگىلىرى ئىدى.  بۇ مەزگىلدە ياكۇب روتسچلد بانكىسىنى باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇمۇ ئېقىمغا ئەگىشىپ قوشۇپ سېتىۋېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى، ئەمما روتسچلد جەمەتىنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن مۇتەئەسسىپلىك تۈپەيلىدىن ئۇلار گولدمان ۋە مورگان قاتارلىقلارنىڭ كەينىدە قالدى. 

روتسچلد جەمەتى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە جەھەتتە چېكىنگەن: بىرى، ئۇلار زىيادە مۇتەئەسسىپ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ مۈلكىنى ھەمبەھىرلەشنى خالىمايدۇ، ھەمكارلىقتا قارشى تەرەپكە گۇمان بىلەن قارايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، روتسچلد جەمەتىدە يېقىن تۇغقانلارلا تويلاشقاچقا، كېيىنكى ئەۋلادلاردىمۇ تەۋەككۈلچىلىك گېنى بولمىغانلىقتىن، ئەجدادلىرىنىڭ مۇتەئەسسىپ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئەڭ ئاخىرقى بىرى، مۇتەئەسسىپلىكى تۈپەيلىدىن، مەبلەغ سېلىشتا ئاساسەن ئۆزىنىڭ مۈلۈكلىرىگە مەبلەغ سېلىش يولىنى تاللىغان بولۇپ، سىرتقا مەبلەغ چىقىرىشى كەمدىن كەم بولغان.

ياكۇب نۆۋەتتە روتسچلد جەمەتىنىڭ مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى RIT نىڭ رەئىسى، ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىل 2-ئايغىچە روتسچلد جەمەتى مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى ئەنگلىيەدە پاي، مۇناسىۋەتلىك ئاكسىيە ۋە پاي ھوقۇقى فوندلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 خىل مەھسۇلات ئېلان قىلغان. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى تەسىرىدە ياكۇب ئەنگلىيە بازىرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى  ئېلان قىلدى. 

ياكۇب ئەنگلىيە بازىرىدىن چېكىنگەندىن كېيىن مەبلىغىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن؟ بىر بازاردىن ۋاز كەچكەندىكىن يەنە بىر بازارنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. ياكۇبمۇ ئەنئەنىۋى مۇتەئەسسىپ ئىدىيىگە ۋارىسلىق قىلىپ بىر تەرەپتىن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مۈلۈك خەتىرىدىن ساقلىنىشنى ئويلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستىقبالى تېخىمۇ ياخشى بولغان، خەتىرى تېخىمۇ كىچىك بولغان مۈلۈكلەرنى ئىزدەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ياكۇب جۇڭگو بازىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بولدى.

2011-يىل ياكۇب جۇڭگوغا كەلگەن، ھەم نۇتۇق سۆزلىگەن، ئۇنىڭ نۇتۇقىدىكى جۇڭگوغا بولغان تەسىراتى يۇغۇرۇلغان «جۇڭگوغا بولغان ھېرىسمەنلىكىم تومۇرلىرىمغىچە سىڭىپ كەتتى» دېگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ جۇڭگونى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ياكۇب مۇنداق دېگەن: «20 يىلنىڭ ئالدىدا جۇڭگو ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى باشلانغان، بىز جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئۈمىد بار دەپ قارايمىز.» 2011-يىلدىكى شۇ نۇتۇقتىن كېيىن ياكۇب جۇڭگو بازىرىدا قايتا كۆرۈلمىگەن. ياكۇبقا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەيلى مەبلەغنى قايتا يۈرۈشتۈرۈش بولسۇن ياكى مەبلەغ سېلىش جەھەتتە بولسۇن، جۇڭگودەك نوپۇسى كۆپ دۆلەتتە ھەر ۋاقىت پۇل تاپالايدۇ، بۇ نۇقتىنى ئويلاشقاندا ئۇنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ بايكۈچ تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号