• بۈگۈندۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    HTCنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى U Ultraنىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

    مەنبە : cnbeta.comتەھرىر : ئادىلجان ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 17:55

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    بېتا تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    HTC شىركىتى 12-يانۋار  U Ultra ۋە U Play يېڭى يانفونىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ، ئەمما ھازىر مەلۇم بىرى توردا U Ultraنىڭ ھەقىقىي يانفون سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. Techtastic تورىغا يوللانغان تۆۋەندىكى رەسىملەردىن HTC U Ultraنىڭ ھەرقايسى رەڭلىك نۇسخىلىرىنى تولۇق كۆرەلەيمىز. ئەمما ئەڭ قىزىقارلىق يېرى، بۇ ئېكرانغا سەپلەنگىنى بولسا «قوشۇمچە ئېكران» چۈنكى ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردا بۇ نۇقتا تىلغا ئېلىنمىغان. قوشۇمچە ئېكراننى كۆرۈپ دەرھاللا LG ئىلگىرى چىقارغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەھسۇلات يادىمىزغا كېلىدۇ (مەسىلەن: V20 ۋە V10).

    ئاشكارىلانغان ئۇچۇردىن قارىغاندا U Ultra يەنە «Ocean Note» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭغا ئالتە ديۇملۇق QHD ئېكران سەپلەنگەن. 

    ئىستېمالچىلار بۇ خىل قوشۇمچە ئېكراننى ياقتۇرامدۇ يوق بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس، ئەمما مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئېكران يەنىلا قوللىنىشچانلىققا ئىگە. 

    بۇ قوشۇمچە ئېكران چېسلا، ۋاقىت، توك مىقدارى، ئۇقتۇرۇشلارنى كۆرسەتكەندىن سىرت يەنە ھاۋارايى مەلۇماتى ۋە ئەپلەرنىڭ تېز ئىجرا بەلگىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. 

    قوشۇمچە ئېكران ئىقتىدارى سامسۇڭنىڭ «دائىم يېنىپ تۇرۇش» ئىقتىدارى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، چۈنكى ئاساسىي ئېكران ئۆچۈرۈلگەن ۋاقىتتا قوشۇمچە ئېكران يەنىلا ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. 

    ھەقىقىي يانفوننى قولىڭىزغا ئالغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنى بايقىيالايسىز.

    سۈرەتتىن بۇ يانفوننىڭ ئاق، قارا، كۆك، ئەتىرگۈل رەڭدىن ئىبارەت تۆت خىل رەڭلىك نۇسخىسى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، قارىماققا ئادەمنى بەكلا جەلب قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدى ۋە ئارقا تاختىسىمۇ سىممېتىرىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 

    سەپلىمە جەھەتتە ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يانفونغا 4GB RAM + 64GB ROMلىق ساقلىغۇچ بىرىكمىسى شۇنداقلا 4000mAhلىق باتارىيە سەپلەنگەن. 

    U Ultraغا كۋالكومنىڭ سىناپدراگون 835SoC بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلىنىش سەپلەنمەسلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. 

    ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە سامسۇڭ Galaxy S8 يانفونى سىناپدراگون 835 سەپلەنگەن تۇنجى يانفون بولۇپ قالىدۇ دېيىلگەن. 

    ئارقا كامېراغا قوش رەڭلىك ئىسسىق رەڭلىك چاقناش چىرىغى ۋە لازىر نۇرلۇق فوكۇس توغرىلاش مودۇلى سەپلەنگەن (بۇرۇنقى خەۋەرلەردە دېيىلگەن قوش كامېرا يوق).



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号