• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    تاماشا ساھەسىدىكى سۆيگۈنىنى دوستىدىن ئەزىز كۆرىدىغان 7 چولپان

    مەنبە : toutiao.comتەھرىر : زۇبەيدە ئىنكاس : 18يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 18:02

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    چېن سىچېڭ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى رول ئالغان «بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى» ئارقىلىق تونۇلغان، لېكىن ئۇ مۇھەببەتكە ئېرىشكەن بىلەن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئىگىلىنىشىچە «بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى» ئىچىدىكى قالغان ئىككى ئەر باش رولچى چېن سىچېڭ بىلەن ئازارلىشىپ قالغاچقا قايتا ئالاقە قىلمىغان.

    چېن گۇەنشى بىلەن شيې تىڭفېڭ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ياخشى دوستلار، كېيىن ئوخشاش ۋاقىتتا تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغان ھەم نۇرغۇن پائالىيەتلەردە ناھايىتى ياخشى ھەمكارلاشقان، لېكىن شيې تىڭفېڭ قىز دوستى جاڭ بوجى ئالدىدا دوستىنىڭ ھېسسىياتىنى قىلچە ئويلاشماي چېن گۇەنشىگە يۈزسىزلىك قىلغان، كېيىن ئىككەيلەن ئازارلىشىپ قالغان.

    لو جىشياڭ ئەينى يىلى ئوۋ دى بىلەن تولۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئوقۇغان، ئىككەيلەن ئىلگىرى يەنە رومېئو گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان، ئەمما ئوۋ دى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ئۈچۈن قىز دوستىنى لو جىشياڭغا قاراپ قويۇشقا تاپشۇرغاندا، ئۇ ئوۋ دىنىڭ قىز دوستى بىلەن بىللە بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئوۋ دى غەزەپلىنىپ ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن.

    جاڭ شۆيوۋ بىلەن لو مېيۋېي مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا، بىر قېتىملىق ۋاقىتلىق ئايرىلىشنى باشتىن كەچۈرگەن، ئەينى چاغدا جاڭ شۆيوۋنىڭ ئىشلىرى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، مۇشۇ چاغدا جاڭ شۆيوۋنىڭ يېقىن دوستى چېن بەيشىياڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ھەم لو مېيۋېينىڭ ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان، شۇنىڭ بىلەن جاڭ شۆيوۋ كۈندەشلىك قىلىپ ئاچچىقىدا چېن بەيشىياڭ بىلەن 20 يىلغا يېقىن يىرىك مۇناسىۋەتتە بولغان. 

    جوۋ يۈمىن بىلەن لەن جېڭلوڭ ياخشى دوستلاردىن ئىدى، ئەينى يىلى «ئاقار يۇلتۇز گۈللىكى» قويۇلغاندىن كېيىن، لەن جېڭلوڭ بىلەن شۈ شىيۈەن مۇھەببەتلەشكەن، لېكىن جوۋ يۈمىن دوستى بىلەن كارى بولماي شۈ شىيۈەننى تارتىۋالغان، لەن جېڭلوڭ ئىلگىرى «مېنىڭ نېمىشقىمۇ مۇشۇنداق دوستۇم بولۇپ قالغاندۇ» دېگەن.

    يۈ چېڭچىن بىلەن يى نېڭجىڭنىڭ جەم بولىدىغان ۋاقتى كۆپ بولمىغاچقا ھېسسىيات ئىشىدا ئازراق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن، شۇ چاغلاردا يۈ چېڭچىننىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغان دوستى جاڭ يۈ يى نېڭجىڭنىڭ باشقا ئەر چولپانلار بىلەن بولغان ئۆسەك خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ، ياخشى نىيەت بىلەن يۈ چېڭچىننى ئەسكەرتىپ قويغان، كىم بىلسۇن يۈ چېڭچىن جاڭ يۈنىڭ ياخشى نىيىتىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ كەتكىلى ئاز قالغان.

    جوۋ جيېلۈن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ «سۆيگۈنىنى دوستىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان كىشى» ئىكەنلىكىنى، ئۆزى سۆيىدىغان كىشى ئالدىدا ھەممە نەرسىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى دېگەن.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号