• بۈگۈن سەيشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىدىن كارتىنىلار

    مەنبە : world.huanqiu.comتەھرىر : ئەخمەتجان مۇتەللىپ ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 18:02

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىدىن ئۈزۈندىلەر (1)

    يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

    شۇ جاي ۋاقتى 10-يانۋار كەچ سائەت 9:00 دا (ئۈرۈمچى ۋاقتى 11-يانۋار سائەت 8:00 لەردە) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما چىكاكودا ئامېرىكا خەلقىگە خوشلىشىش نۇتۇقى سۆزلىدى، ئاق ساراي بۇ قېتىملىق نۇتۇقنى «كەلگۈسىگە نەزەر نۇتۇقى»دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئوبامانىڭ سەككىز يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ھاياتى تۈگەللەندى. سول تەرەپتىكىسى ئوبامانىڭ 2008-يىل غەلىبە نۇتۇقى سۆزلىگەندىكى سۈرىتى، ئو تەرەپتىكىسى خوشلىشىش نۇتۇقى سۆزلىگەندىكى نۇتۇقى. 

    ئوباما ئامېرىكا تارىخىدىكى ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان تۇنجى زۇڭتۇڭ، ئۇ پات ئارىدا سەككىز يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ماۋۇ 100 پارچە رەسىمنى قايتا يوللىمايمىز جۇمۇ! شۇڭا قانغۇدەك كۆرۈۋېلىڭ!! سۈرەتتە 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئوباما ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئوچۇق مەيداندا قەسەم بېرىپ ئامېرىكىنىڭ 44-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە رەسمىي ئولتۇردى. ئوبامانىڭ ئايالى مىچېل ئوباما سول قولىدا «ئىنجىل»نى تۇتۇپ تۇرماقتا، ئۇنىڭ ئىككى قىزى مارىيە بىلەن ساشا بىر تەرەپتە تۇرۇپ بۇ مۇھىم پەيتلەرگە شاھىت بولماقتا. 

    سۈرەتتە 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش  تانسا كېچىلىكىگە ماڭغان ئوباما مۇزدەك لىفىتتا فىراكىنى سېلىۋېتىپ ئايالىغا يېپىنچاقلاپ قويدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ شەخسىي ۋاقتى بولغاچقا، خىزمەتچىلەر ۋە ئالاھىدە خادىملار ئىمكاننىڭ بارىچە ئۆزىنى قاچۇرماقتا. 

    2009-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئوباما ۋە ئايالى مىچېل d3 كۆزەينەك تاقاپ، ئاق سارايدا ئامېرىكا زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسىنى كۆرمەكتە. 

    2009-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئوباما ئاق سارايدىكى زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا ياردەمچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. سول تەرەپتىن باشلاپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچى پېتىر روس، قانۇن ئىشلىرى باشقۇرغۇچىسى فېلىپ شىرېر، ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچى داۋىد ئايسول، دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ رەئىسى لاۋرېنىس ساممرېس ۋە ئاق ساراينىڭ ئىشخانا مۇدىرى رام ئىمەنۇل. 

    2009-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى جو بايدىن ئوبامانىڭ ئىقتىسادنى غىدىقلاش لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشىغا قاراپ تۇرماقتا. مەزكۇر لايىھەنىڭ مەقسىتى فېدېراتسىيەنىڭ چىقىمىنى ئاشۇرۇش ۋە باج كىرىمىنى كېمەيتىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ كاساتلاشقان ئىقتىسادىنى غىدىقلاش. 

    2009-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوباما دۆلەت پارلامېنتنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا تۇنجى قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىنكى تەشەككۈر سالىمى. 

    ئاق سارايدىكى سۈرەتچى سۇسانىڭ ئەسلىمىسى:«2009-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاق سارايدىكى ۋاقىتلىق خىزمەتچى كارىلتون فېررادىيە ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئېلىپ ئوباما بىلەن خوشلىشىش سۈرىتىگە چۈشكىلى كەلگەن، ئۇنىڭ بەش ياشلىق ئوغلى ئوباماغا ئۆزىنىڭ چاچ پاسونىنى بايىلا زۇڭتۇڭنىڭكىگە ئوخشاش چاچ ياساتقانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە:«مەن سىزنىڭ چاچ پاسونىڭىز بىلەن ئۆزۈمنىڭ چاچ پاسونىنىڭ ئوخشاش ياكى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ باقايچۇ؟»دېگەن. ئوباما ئۇنىڭغا بېشىنى ئېگىپ بەرگەن. 

    2009-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئوباما سونىيا سوتومايورنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نامزاتلىقىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يۈز يېقىشىپ قويدى. سونىيا سوتومايور ئىسپانىيەلىك پۇشتىدىن بولغان تۇنجى ئايال باش سودىيە بولۇپ قالدى. 

    2009-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاق سارايدىكى خىزمەتچىلەر، ياردەمچىلەر ھامبۇرگ يەپ بولغاندىن كېيىن، ئوباما زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىغا قايتتى. 

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئوباما ھەپتىدە بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدىن بۇرۇن كۆزىنى يۇمۇپ ئۆزىنى تىنچلاندۇرماقتا. 

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، مىسىرنىڭ ئەلجىزەدە  ئېھرام ۋە شىر باشلىق ئادەم ھەيكىلىگە نەزەر سالماقتا. 

    2009-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئوباما گېرمانىيەنىڭ بۇچېنۋالىد جازا لاگېرىنىڭ خارابىسىنى زىيارەت قىلغاندا، خاتىرە تاشنىڭ ئۈستىگە بىر تال گۈل قويۇپ قويدى. 

    2009-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئوبامانىڭ كىچىك قىزى ساشا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدىكى كىرسلونىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا قاراپ تۇيدۇرماي يېقىنلاشماقتا. ئوبا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ساشا 7 ياش، مارىيە 10 ياش ئىدى. 

    2009-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ جاكسىنۋېل شەھەرى، ئوباما نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 

    2009-يىلى10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوباما قۇربان بولغان ئەسكەر Sgt. Dale Griffin نىڭ مىيىتىغا ھۆرمەت بىلدۈرمەكتە. بۇ كۈنى ئۇ دېلاۋىيەر ئىشتاتىنىڭ دوۋېر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئامېرىكىلىق 18 كىشىنى جەسىتىنى باسقان ئايروپىلاننى كۈتۈۋالدى، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئافغانىستاندا قازا قىلغان. 

    2009-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئوباما بىلەن باشقۇرغۇچى لاۋرىنىس لىپىسكامپ بىلەن ئېزىنخوۋېر مەمۇرىيەت بىناسىدا مۇشت سوقۇشتۇرۇپ قويدى. 

    2009-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو، ئوباما نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن قولىدا گۇۋاھنامە ۋە ئالتۇن مېدالىنى تۇتۇپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. 

    2010-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، بالتىمور، ئوباما دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ 1-نومۇرلۇق ئايروپىلانىدىن چۈشۈپ تېلېفون ئۇرماقتا. 

    2010-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىۋىرغاندىن كېيىن ئوباما بىلەن ئىككى قىز ئاق سارايدىكى ئەتىرگۈللۈكتە ئويناشماقتا. 

    2010-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئوباما پارلامېنتقا تېلېفون ئۇرۇپ داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا. 

    2010-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئوباما «مۇقىم باھادا داۋالاش قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويماقتا.

     

    2010-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قوماندان ۋە جەڭچىلەرنى خاتىرىلەش كۈنى، ئومابا مۇنبەرگە چىقىپ، ئاڭلارمەنلەرگە نۇتۇقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. 

    2010-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوباما كانادانىڭ تورۇنتودا ئۆتكۈزۈلگەن G-20 يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكتە. 

    2010-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى ئائۇستىن، ئاق ساراينىڭ ساياھەت باش نازارەتچىسى مارۋىن نېكسون تارازىغا چۈشۈۋاتقان ۋاقىتتا، ئوباما ئوغرىلىقچە پۇتىنى تارازىغا قويۇۋالدى. 

    2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئوباما ساھىبخان بولۇپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن خىزمەت تامىقى يېدى. 

    2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئوباما كىلېۋېلاند ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا نۇتۇق سۆزلەشتىن بۇرۇن ۋاسكىتبول ئوينىماقتا. 

    2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستاندىكى بىر مەيدان تۇيۇقسىز ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوباما ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرىنى كۈتۈۋالدى. 2014-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلىش بۇرچىنى ئاياغلاشتۇرغانىدى، بىراق، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يەنىلا ئافغانىستاندا قېلىپ قالدى ھەمدە ئافغانىستان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەملەشتى. 

    2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئوباما پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ئەتىگەنلىك تىلەك تامىقى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بىلەن زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا تىلەك تىلىمەكتە. 

    2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىرازىلىيەنىڭ رىيودىژنېيرو، ئوباما «دۇنيانى قۇتقۇزغۇچى ئىيسا»نىڭ ھەيكىلىگە نەزەر سالماقتا. 

    2011-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، لىۋىيەگە مۇناسىۋەتلىك تېلېفون يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوباما بىلەن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جو بايدىن سۆزلەشمەكتە. 

    2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ 6-تارماق ئەترىتى پاكىستاننىڭ ئابوتئابادتىكى بىر ھويلىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، شۇنداقلا «11-سېنتەبىر»ۋەقەسىنىڭ باش جىنايەتچىسىنى بىن لاندىننى ئېتىپ ئۆلتۈردى. زۇڭتۇڭ ئوباما ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بايدىن، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارىي ئۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۆيىدە بىۋاسىتە تارقىتىشنى كۆرمەكتە. 

    2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئېرلاندىيەدىكى ئەسلى يۇرتى ماننىگېرنى كەنتىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئوباما بىلەن ئايالى مىچېل جىننېس قارا پىۋىسىنى بەھۇزۇر ئىچمەكتە. ماننىگېر ئۇنىڭ مەلۇم ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ تۇغۇلغان جايى. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号