• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئىسپانىيەدىكى ئۆمۈر چولپانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى

    مەنبە : toutiao.comتەھرىر : نۇسرەتگۈل ئىنكاس : 1يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 18:28

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    2016-يىلىدىكى سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلار سانى ئەڭ كۆپ 2-دۆلەت بولۇپ قالغان ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 83.2 ياشقا يەتكەن. ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى دۇنيا بويىچە ئۇزۇن بولۇپ، 83.4 ياشقا يېتىدۇ. 50 مىليون نوپۇسى بار بۇ دۆلەتتە يېشى 100 ياشتىن ئاشىدىغان ئادەمدىن 17 مىڭى بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ھېكايىسى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەخپىيەتلىكى بار. سۈرەتتە، بۇ يىل 102 ياشقا كىرگەن ماكسىمىنو مىگۇئېل لېئونا باغچىسىدا سەيلە قىلىۋاتىدۇ.

    80 ياشقا كىرگەن يىلى ماكسىمىنو سەنئەتكە قىزىقىپ قالغان ۋە تىياتىر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. ماكسىمىنو ھازىر بۇ گۇرۇپپىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

    مارىيە جوسېف بۇ يىل 103 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 12 يېشىدىن باشلاپ تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى ئىسپانچە سوغۇق شورپا.

    مارىيە ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتى.

    ئېسپېرانېس فېرناندېز بۇ يىل 103 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قىزلىرى بىلەن سالامانكادا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ جەمەتىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلار كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىر سىڭلىسىنىڭ يېشىمۇ 100 دىن ئاشىدىكەن. ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئىپسانىيەدە يۇقۇملۇق زۇكام تارقىلىپ كەتكەن. ئۇ ۋاقىتتا، دادىسى ئۇلارنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ، ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان.

    ئېسپېرانېس ياش ۋاقتىدا قىزلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرەت.

    پېدرو رودرىگىز بۇ يىل 106 ياشقا كىرگەن. ئۇ ھەر كۈنى پىيانىنو ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىدىن 20 ياش كىچىك ئايالىغا مۇزىكا چېلىپ بېرىدۇ. قىزى 5-4 كۈندە بىر كېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇرىدۇ.

    101 ياشلىق پىلار فېرناندىز ئامباس شەھىرىدە تۇرىدۇ. ئۇ ئائىلىسىدە نەۋرە-چەۋرىلىرى بىلەن سەي-كۆكتات تېرىپ، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىپ تۇرمۇشىنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىدۇ.

    پىلار فېرناندىز (سولدىن ئىككىنچى) ۋە قىزى (سولدىن بىرىنچى)، ئەۋرە قىزى (ئوڭدىن ئىككىنچى) ۋە نەۋرە قىزى (ئوڭدىن بىرىنچى)نىڭ خاتىرە سۈرىتى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پىلار ۋە ئۇنىڭ 9 قېرىندىشى ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ كۆپ جەمەتلىك بولۇشنى خالىماي پەقەتلا بىر قىز تۇغقان.

    فىرانسىسكو نۇنېز بۇ يىل 102 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھازىر 80 ياشلىق قىزى بىلەن بىللە تۇرىدۇ.

     فىرانسىسكو نۇنېزنىڭ كونىراپ سارغىيىپ كەتكەن ھەربىيلىك كېنىشكىسى.

    رافائېل بېرنس بۇ يىل 102 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قولىدىكىسى ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتى.

    ئېدىمىرا ئاباسكارى مادرىد شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ياشانغانلار بىناسىدا تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ياش ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ: «مەن ياش ۋاقىتلىرىمدا كوچىدا ماڭسام داڭلىق يازغۇچى ھېمىڭۋاي دائىم<ئاۋۇ قارا چاچلىق ساھىبجامالغا قاراڭلار> دەپ كېتەتتى دېگەن.

    101 ياشلىق گۇمېلسىندو كۇب ئۆزىنىڭ ئۇرۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبىنى كىچىكىدە تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشقانلىقى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغاچقا، ئۇنى دائىم ئورمانلىققا بىللە ئېلىپ باراتتى.

    ئىسسپانىيەلىك 100 ياشلىق ئايال ئېسپېرانس ئەلىيىس (سولدا) قىزى مېنوركانىڭ ئۆيىدە.

     لۇكا مانزانو بۇ يىل 100 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھازىر مادرىد ئەتراپىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرىدۇ.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号