• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    تارىخ ئىسپاتلىدىكى OPECنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ

    مەنبە : finance.sina.com.cnتەھرىر : زۇلفىيە ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 18:49

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

     سىنا تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)دىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتنىڭ 12-ئايدىكى خام نېفىت ئېكسپورت مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، OPEC ئىمزالىغان يەر شارى بويىچە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇشنى مەقسەت قىلغان كېلىشىمنى گۇمان قاپلىدى.
    9-يانۋار، خام نېفىتنىڭ خەلقئارا قەرەللىك مال باھاسى %4كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بەسرە پورتىنىڭ 12-ئايدىكى كۈندىلىك ئېكسپورت مىقدارى 3 مىليون 510 مىڭ باكقا يېتىپ، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. ئىراق بولسا OPECتىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت.
    ETF Securitiesنىڭ  مەسئۇلى James Butterfill بىلدۈرۈپ :«ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى OPEC دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلمايدىغان ئەنئەنىسى بار، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ» دېدى.
    OPECتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى 2016-يىلى 11-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، كۈندىلىك نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى 33 مىليون 800 مىڭ باكتىن 32 مىليون 500 مىڭ باكقا ئازايتىشقا قوشۇلدى، شۇ ئارقىلىق يەر شارى بويىچە نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىنى چەكلەپ، نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرمەكچى بولدى.
    ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقى 9-يانۋار ئۆزىنى ئاقلاپ، بەسرە پورتىنىڭ رايون خاراكتېرلىك نېفىت ئېكسپورتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى ئىراقنىڭ OPECنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش ۋەدىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دېدى. ئەمما، مەبلەغ سالغۇچىلار ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى پورتلارنىڭ خام نېفىت ئېكسپورت مىقدارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پورتلارنىڭ رېكورت ياراتقان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېكسپورت مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
    Barclays بانكىسى ئېنېرگىيە تاۋارلىرى تەتقىقات مەسئۇلى مايكول كوخېن 10-يانۋار CNBCگە بىلدۈرۈپ : «بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە 2-پەسىل ئاخىرلاشقاندا OPEC بىلەن غەيرىي OPEC دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش نىسبىتى تەخمىنەن %80 تىن %90 كىچە بولىدۇ، ئەمدى مەسىلە شۇ يەردىكى: بۇ خىل ئەھۋال كېيىنكى يېرىم يىلغىچە داۋاملىشىلامدۇ-يوق» دېدى.
    مايكول كوخېن (Michael Cohen) بىلدۈرۈپ: «بۇ بولسا بىزنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا نېفىت باھاسى ئۆسۈپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىشىمىزدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. چۈنكى، مېنىڭچە بۇ كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىش، OPECتىكى كۆپلىگەن ئەزا دۆلەتلەر كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشنىڭ پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆردى، ئەمما يۇقىرى نېفىت باھاسى ئۇلارنى يەنە قايتىدىن خام نېفىتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ» دېدى.



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号