• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    2016-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 92 مىليارد 700 مىليون دوللار تاپتى

    مەنبە : wallstreetcn.comتەھرىر : زورىگۈل ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 18:58

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 10-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا 92 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كاپىتال پايدىسى يۆتكىگەن.

    2016-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى SOMA ھېساباتىدىن ئېرىشكەن ئومۇمىي پايدا كىرىمى 111 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ساپ پايدىسى 7 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، 92 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشكەن، بۇ 2015-يىلى رېكورت ياراتقان پايدىدىن تۆۋەن بولغان. قىسمەن سەۋەبى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى مەبلەغ ساقلىغان بانكىغا تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈم تۆلىگەن. 2016-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بانكىغا تۆلىگەن ئۆسۈم 5 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى SOMA ھېساباتى (ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زايومى، فېدېراتسىيە ئورگىنى ۋە ھۆكۈمەت مەبلەغ ياردىمى بەرگەن كارخانىلارنىڭ MBSسى ۋە زايومى)دىكى ئاكسىيە گۇرۇپپىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكتىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈم كىرىمىنى ئاز تاپقان.

    ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىدا ھازىر بار بولغىنى فېدېراتسىيە تۇرالغۇ ئۆي قەرز رەنىسى شىركىتى ۋە فېدېراتسىيە دۆلەتلىك رەنىلىك قەرزىگە ئالاقىدار ئاكسىيەدىن تاپقان ئۆسۈم. قانۇندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قىسمەن پايدىنى تىجارەت چىقىمىغا ئىشلىتىدۇ، قالغانلىرىنى مالىيە مىنىستىرلىقىغا بېرىپ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزلىرىنى تۆلىشىگە ياردەم قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

    2016-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تىجارەت چىقىمى جەمئىي 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئۇنىڭ ئىچىدە 709 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئامانەت قويۇش كېڭىشى چىقىمى ۋە ئىستېمالچىلار پۇل مۇئامىلە قوغداش ئىدارىسىگە ئاجراتقان 596 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

    ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ زايوم سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ پايدىسىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بىر قەدەر چوڭ پايدىغا ئېرىشكەن. QE پىلانى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بالانس جەدۋىلىنى 4 تىرىليون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا كېڭەيتتى. لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىغا يۆتكەپ بېرىدىغان پايدىسى ئازىيىدۇ. ئەگەر ئۆسۈم تېزلىكتە ئۆرلىسە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى زىيان تارتىشى مۇمكىن.

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 25 ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم قوشقانلىقىنى جاكارلىدى، فېدېراتسىيە فوندىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %0.25~%0.5دىن %0.5~%0.75كە ئۆستى. بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم، 10 يىلدىن بۇيان 2-قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 2017-يىلى ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى، 9-ئايدىكى يىغىندا مۆلچەرلەنگەن ئىككى قېتىمدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号