باش بەت

Yopter

53يوللانما
7مەستانە

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ئىشلەتكەن ماشىنىلارغا نەزەر

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 20:13 0 ئىنكاس چۈشتى

1909-يىلى ۋېليام خۇۋارد تافىت (William Howard Taft) ئامېرىكىنىڭ 27-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى. ‫ئامېرىكا  دۆلەت مەجلىسى 12 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ماشىنا سېتىۋېلىش مەبلىغىنى تەستىقلىدى. تافىت 40 ئات كۈچى كېلىدىغان White ماركىلىق M تىپلىق پار ماشىنىسى سېتىۋالدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئاقسارايدىكى ئات قوتىنى ماشىنا ئىسكىلاتىغا ئۆزگەرتىلىپ، زۇڭتۇڭلارنىڭ يېڭى ماشىنىسىنى ساقلايدىغان بولدى. 

ئامېرىكىنىڭ 28-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى توماس  ۋېلسون ئەڭ بۇرۇن كادلاك ماركىلىق ھەشەمەتلىك پىكاپتا ئولتۇرغان زۇڭتۇڭ. ئۇ «ۋېرسايىل ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغاندىن كىيىن، ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ، كادلاك 57 تىپلىق سەككىز سېلىندىرلىق ماشىندا ئولتۇرۇپ، بوستوندا 1-دۇنيا ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى خاتىرلەش يىغىلىشىغا قاتناشقان.

ۋېلسون ئاتتىن بەكرەك ماشىنىنى ياخشى كۆرىدىغان زۇڭتۇڭ، ئامېرىكا ماشىنا جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان  تۇنجى زۇڭتۇڭ. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقىتتا، ماشنىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ھۆكۈمەت ماشىنىلىرى جىددىي ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇت ئىچىدە تەييارلىق قىلىپ يولغا چىقىش تەلەپ قىلىنغان. ۋېلسون ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماشىنا تىپى Pierce-Arrow 51 تىپلىق پىكاپ ئىدى.

1921-يىلى Warren Gamaliel Harding ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى، ئۇ تۇنجى بولۇپ ماشىندا ئولتۇرۇپ ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىش مۇراسىمغا قاتناشقان زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئولتۇرغان ماشىنا Packard Twin-Six بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ زۇڭتۇڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغان زۇڭتۇڭ ئىكەن.

1925-يىلى ئامېرىكىنىڭ 30-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جون كارۋىنPierce-Arrow تىپلىق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمغا قاتناشماقتا.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا جون كالۋىن بىلەن ھېنرى فورد ياخشى دوسىتلاردىن بولۇپ، لىنكولىن ماركىلىق پىكاپنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس ماشىنىسى قىلىپ تاللىغان، شۇنىڭ بىلەن لىنكولىن تۇنجى قېتىم ئاقساراي مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ماشىنا بولۇپ قالغان.

1929-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە، دۇنيا ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ تەسىردە، ئامېرىكىنىڭ 31-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ھاربىرىد كىلاك خوۋىر چوڭ كاساتچىلىققا دۇچ كەلگەن. 1932-يىلى ئۇ 5000 دوللار ئەتراپىدا خەجلەپ كادىلاك 452-B تىپلىق ماشىنا سېتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق تەنقىدلەشكە ئۇچرىغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى داۋاملىق سايلام رىقابىتىدە پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

ئامېرىكىنىڭ 32-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى فىرانكىلىن روزۋېلىت (Franklin D.Roosevelt) ئامېرىكا تارىخىدىكى بىردىنبىر ئۇدا تۆت نۆۋەت سايلانغان زۇڭتۇڭ بولۇپ، 1938-يىلى ئىككى دانە، نامى Queen Mary ۋە Queen Elizabeth كادلاك V16 بولغان ماشىنا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەخسۇس زۇڭتۇڭ ئىشلىتىدىغان ماشىنىسى بولغان.

1945-يىلى تىرومىن ئامېرىكىنىڭ 33- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. 1947-يىلى نۇسخىسىدىكى كادلاك 75 تىپلىق ماشىنا تىرومىن زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ماشىنىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.

1953-يىلى ئامېرىكا 34-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى قۇرۇقلۇق ئارمىيە بەش يۇلتۇزلۇق گېنرالى ئېزىنخاۋىر كادلاك Eldorado تىپلىق ماشىنغا ئولتۇرۇپ، ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.

1961-يىلى ئامېرىكا تارىختىكى ئەڭ ياش زۇڭتۇڭ جون كېنىدىنى كۈتىۋالدى. كېنىدىنىڭ مەخسۇس ماشىنىسى ئامېرىكا ئالاھىدە ئىشلار ئىدارىسىنىڭ SS-100-X ناملىق ماشىنىسى ئىدى. بۇ ماشىنا 1961-يىلى لىنكولىن 74A تىپلىق ماشىنا ئاساسىدا ئالاھىدە ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تەلىپى بويىنچە ئۆزگەرتىپ ياسالغان ئۈستى ئوچۇق ماشىنا بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ماشىنا ئۈچۈن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەن. قەستلەش ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ ماشىنا قايتا ئۆزگەرتىلىپ، يېڭى سايلانغان زۇڭتۇڭ جونسۇن (Lyndon Baines Johnson) ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلغان.

جونسۇننىڭ مەخسۇس ماشىنىلىرى ئىچىدە يەنە 1965-يىلى نۇسخىدىكى لىنكولىن ماركىلىق پىكاپمۇ بار ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ 37-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى چاد نېكسون 1969-يىلى نۇسخىدىكى لىنكولىن چوڭ قۇرۇقلۇق مەخسۇس زۇڭتۇڭ ماشىنىسىنى ئىشلەتكەن.

نېكسون ئىشلەتكەن مەخسۇس ماشىنلاردىن يەنە Chrysler ئېمپىرىيە LeBaron ناملىق پىكاپمۇ بولۇپ، ئۇ پىكاپلار قاتتىق قوغدىنىش ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى Chrysler شىركىتى مۇشۇ ماشىنىدىن باشقا زۇڭتۇڭ ئۈچۈن مەخسۇس ماشىنا تەمىنلەپ باقمىدى.

1974-يىلى فورد ئامېرىكىنىڭ 38-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى، ئۇنىڭ ئىشلەتكىنى 1972-يىلى نۇسخىسىدىكى لىنكولىن چوڭ قۇرۇقلۇق ھەشەمەتلىك تىپتىكى ماشىنا ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى زۇڭتۇڭلار كات ۋە رېگان قاتارلىقلارمۇ بۇ ماشىنىنى داۋاملىق ئىشلەتتى، پەقەت يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ماشىنىنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان زاپچاسلار يېڭىلىنىپ تۇردى.

ئۇنىڭدىن باشقا 40-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ رىگاننىڭ شەخسىي ماشىنىسى ئىچىدە ئۇزارتىلغان تىپتىكى كادلاك Fleetwood تىپلىق ماشنا كۆپەيگەن بولۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىدا تۇنجى بولۇپ نامايەن بولغان.

ئامېرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جورجىي بوش (چوڭ بوش) نىڭ ئىشلەتكەن ماشىنىسى 1989-يىلى نۇسخىدىكى لىنكولىن Town Car تىپلىق ماشىنا ئىدى.

1993-يىلى كادىلاك Fleetwood Brougham تىپلىق ماشىنا ئامېرىكا 42-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى كىلىنتوننىڭ مەخسۇس ماشىنىسى قىلىندى.

43-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ جورجى بوش (كىچىك بوش) كادىلاك Deville تىپدىكى 2001- يىللىق ئالاھىدە ياسالغان ئوق ئۆتمەس ماشىنىنى مەخسۇس ماشىنا قىلىپ ئىشلەتكەن.

44-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ ئوباما ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئافرىقا قان سېستىمىسىدىكى زۇڭتۇڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەتكىنى «قۇرۇقلۇق ئارمىيە 1-نومۇر» دەپ ئاتالغان 2009-يىلى نۇسخىدىكى كادلاك DTS تىپلىق ھەشەمەتلىك ماشىنا. ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6300mm×2800mm×1780mm،  بۇ ماشىندىكى 55mmلىق ئوق ئۆتمەس ئەينەكنىڭ ئېغىرلىقى 2.7 توننا كېلىدۇ. ماشىنىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 8 توننىدىن ئاشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号