• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    2 ئايال ساقچى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەت گۇماندارىنى پويىزدا قولغا چۈشۈردى

    مەنبە : china.huanqiu.comتەھرىر : نۇسرەتگۈل ئىنكاس : 3يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 19:39

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    1-ئاينىڭ 10-كۈنى، پۇقراچە كىيىنگەن جىنايى ئىشلار ساقچىسى ۋاڭشيوڭ گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىنىڭ يولۇچىلار ئۆتۈشمە يولىدا جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدەۋاتىدۇ. گۇاڭجۇ تۆمۈر يول ساقچى باشقارمىسى جىنايى ئىشلار تارماق ئەترىتىدىكىلەر بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاممىدىن كەلگەن پاش قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرىۋېلىپ، توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەت گۇماندارى سى xxنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى جېڭجۇغا بارىدىغان پويىزغا چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپتى ۋە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، جىنايەتچىنى قوغلاشقا كىرىشتى. جىنايەت گۇماندارى ئايال بولغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى تۇتۇش خىزمىتىگە پۇقراچە كىيىنگەن 2 ئايال ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىككەيلەن پويىزنىڭ چىقىش ئېغىزىدىن جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى.

    پويىز ئىچىدە تۇرغان جىنايەت گۇماندارى سى xx ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولماقتا.

    كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىز 2 ساقچىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن سى xx جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    پۇقراچە كىيىنگەن جىنايى ئىشلار ساقچىسى ۋاڭشيوڭ (سولدىن بىرىنچىسى) ۋە گۈەن سىجيا (ئوڭدىن بىرىنچىسى) جىنايەت گۇماندارى سى xx نى پويىزدىن ئېلىپ چۈشتى.

    ساقچىلار ئۇنى پويىز ئىستانسىسىدىكى ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭدى.

    ساقچىلار سى xx نىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن شەخسىي بۇيۇملىرىنى تەكشۈردى.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号