• بۈگۈن دۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    تۈركىيە لىراسى قاتتىق چۈشۈپ تارىخىي تۆۋەن نۇقتا ياراتتى

    مەنبە : wallstreetcn.comتەھرىر : زورىگۈل ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 19:47

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    ۋال كوچىسى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    بېيجىڭ ۋاقتى 11-يانۋار چۈشتە ئاسىيا بازىرىدا تۈركىيە لىراسى ئەڭ يېڭى تارىخىي تۆۋەن نۇقتىنى يېڭىلىدى.

    چۈشتە تۈركىيە لىراسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى %2.5دىن ئارتۇق تۆۋەنلەپ، 3.8967گە چۈشتى، بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا. لىرانىڭ ياۋروغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم 4.0دىن ھالقىدى.

    10-يانۋار تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 50 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلەتتى ھەم زۆرۈر بولغاندا قوشۇمچە تەدبىر قوللىنىپ بازارنىڭ زىيادە تەۋرىنىشىنى كونترول قىلىشقا ۋەدە بەردى. بۇ بانكا يەنە بانكا كەسپىدىكى قەرز چېكىنى 22 مىليارد لىراغا تۆۋەنلەتتى، 11-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى.

    10-يانۋار تۈركىيە لىراسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت باھاسى تارىخىي يېڭى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى.

    نۆۋەتتە تۈركىيە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2009-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چېكىندى ھەم ئەسەبىي تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىسلام دۆلىتىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا كۆپ مىقداردا مەبلەغ سەرپ قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇ چەتئەلدىكى مەبلەغ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.

    شۇنداق بولۇپلا قالماي تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىمۇ مۇقىم ئەمەس. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا پارتلىغان ھەربىي ئۆزگىرىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن تۈركىيەدە يەنە دىپلوماتىيەگە چېتىشلىق تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەردى. رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارلوۋ 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

    يۇقىرىدىكى قوراللىق ئېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە لىراسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى يەنە %0.6 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، 3.526گە چۈشتى.

    مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولغان پۇل پاخاللىقى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئەندىشىسىنى چىقىش قىلىپ مۇدىي ئاگاھلاندۇرۇپ تۈركىيەدە پارتلىغان بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەلىرى ئىقتىسادنى چېتىۋېلىشى مۇمكىن ھەم بانكىنى نەق پۇل ئالماشتۇرۇش خەتىرىگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن، دېدى.

    ھازىر ھوقۇق تۇتقان ھۆكۈمەتتىمۇ مۇجمەللىك بار. تۈركىيە پارلامېنتى 9-يانۋار ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى. ئاساسلىق مەزمۇنى تۈركىيەنىڭ پارلامېنت تۈزۈمىنى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىپ، زۇڭتۇڭ ئەردوغاننىڭ ھوقۇقى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى چوڭايتىش.

    تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى پارلامېنتنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلىشىدىن ئۆتۈپ، پارلامېنتتىكى 550 پارلامېنت ئەزاسىدىن ئاز بولغاندىمۇ 330 ئادەمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ 330 بېلەتكە يېتىشىگە يەنە 14 بېلەت كەم. پارلامېنتتا تەستىقلاندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئەتىيازدا قانۇن ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشىغا سۇنۇشى مۇمكىن. قانۇن لايىھەسى ئەڭ ئاخىرىدا تەستىقلانسا تۈركىيە ئىچكى كابېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمگە ئۆزگىرىدۇ، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسى تەسىس قىلمايدۇ، ئەردوغانغا زىيادە كۆپ ھوقۇق مەركەزلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتىكى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىق شەكىللىنىشى مۇمكىن.

    تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە خەلقىنى چەتئەل پۇلىنى تۈركىيە لىراسىغا ئالماشتۇرۇشقا چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە خەلقى ۋە بانكىچىلىق ساھەسىگە كىرمەيدىغان كارخانىلارنىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل ئامانىتى ئۇدا ئۈچ ھەپتە يۇقىرىلىدى. تاشقى قەرز ئېھتىياجىنىڭ زور بولۇشى لىرانى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشقاندىن كېيىنكى ئەڭ ئاجىز پۇللارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.

    بۇ يىلدىن بۇيان تۈركىيە لىراسى تەخمىنەن %10 تۆۋەنلەپ، بۇ يىل ئىپادىسى ئەڭ ناچار پۇل بولدى. تۈركىيە لىراسى 2017-يىلىنىڭ بىرىنچى سودا كۈنىدىلا %5.8 تۆۋەنلىدى. ئۆتكەن ئۈچ ئايدا تۈركىيە لىراسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان باھا قىممىتى %20دىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى. 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号