2016-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ جيېشوۋ شەھىرىدە بىر قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋاڭ لىن ئىسىملىك ئەر 3 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 1 ئادەمنى يارىلاندۇرغان ۋە 2 ئائىلىگە ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەن. شۇ يىلى 12-ئايدا، شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا ئوچۇق سوت ئېچىپ، ۋاڭ لىنغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلغان.
دېلو سادىر قىلىش قورالى دەپ قارالغان 3 چاقلىق موتسىكلىت بىلەن ياغاچ ساپلىق پىچاقتىن بىرى مۇسادىرە قىلىندى. سۈرەتتە، جاۋابكار ۋاڭ لىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم).
ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، سوت مەيدانىدىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا ۋاڭ لىن ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.