باش بەت

جاھانكەزدى

14352يوللانما
1مەستانە

خوشلىشىش نۇتۇقىدىن بۇرۇن، ئوباما تىرامپقا «ئۈچنى قىلماسلىق»نى ئېيتتى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 21:00 0 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ 8 يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇددىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. بېيجىڭ ۋاقتى 11-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، ئوباما چىكاكودا خوشلىشىش نۇتۇقى سۆزلەپ، 8 يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. 

خوشلىشىش نۇتۇقىدىن بۇرۇن، سۆز قابىلىيىتى ئەزەلدىن ياخشى بولغان ئوباما يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ تىرامپتىن «نەپرەتلىنىش»نى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئىككى كۈن ئىچىدە، ئوباما تىرامپقا «ئۈچ ئىشنى قىلماسلىق»نى ئېيتتى. 

1. ئاق ساراينى جەمەت كارخانىسى قىلىۋالماسلىق 

شۇ يەر ۋاقتى 8-يانۋار، ئوباما ئامېرىكا رادىيو شىركىتى (ABC)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ تىرامپقا تەكلىپ بېرىپ، ئاق ساراينىڭ ئىشلىرىنى جەمەت كارخانىسىنى باشقۇرۇش شەكلىدە بىر تەرەپ قىلماسلىقنى ئېيتقان. 

ئوباما تىرامپقا، ئاق ساراينى باشقۇرۇشنىڭ باشقا ھېچقانداق خىزمەتكە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولۇپ: «سەن ئاق ساراينى جەمەت كارخانىسىنى باشقۇرۇش شەكلىدە باشقۇرساڭ بولمايدۇ، ئەتراپىڭدا چوقۇم بىر كۈچلۈك كوللېكتىپ بولۇشى، قائىدە-تۈزۈملەرگە ھۆرمەت قىلىشىڭ ھەمدە ياخشى قارار چىقىرىشىڭ لازىم»، دېگەن. 

ئوباما يەنە تىرامپقا ئامېرىكىنىڭ تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئېيتىپ: «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن سايلام رىقابىتى ئوخشىمايدۇ. قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، سەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئورگاننى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋالىسەن»، دېگەن. ئۇ يەنە، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، پۇل-مۇئامىلە بازارلىرى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كەلگۈسىدە تىرامپنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆڭۈل بۆلىدۇ، دېگەن. 

2. ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كەتمەسلىك 

8-يانۋاردىكى زىيارەتتە، مۇخبىر ئوبامادىن تىرامپقا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئوباما، گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى بىلەن تىرامپ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن پەرقلەر بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلىسىمۇ، بىراق ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئاز دېگەندىمۇ بىر ئورتاقلىق بارلىقى، يەنى ئەزەلدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. 

ئوبامانىڭ قارىشىچە، «ئۆزىگە ئىشىنىش»تىن ئىبارەت بۇ خىل پەزىلەت زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ھەتتا كەم بولسا بولمايدىغان بولۇپ، ھېچبولمىغاندا زۇڭتۇڭنىڭ مۇرەككەپ ئىشلىرىغا تاقابىل تۇرغۇدەك يېتەرلىك قايناق ھېسسىيات بولۇشى كېرەك ئىكەن. 

بىراق، ئوباما يەنە تىرامپنى ئەسكەرتىپ، كۈچلۈك ئۆزىگە ئىشىنىش بولۇشى ياخشى ئىش، بىراق ھەددىدىن زىيادە قارىغۇلارچە ئۆزىگە ئىشىنىش كۆزنى توسۇپ قويىدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولغاندەك، كەمچىلىكىمۇ بار، مۇھىمى قانداق ۋاقىتتا رولىنى جارى قىلدۇرۇش دېگەن. ئوباما: «ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان ساھەلەرنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىڭ، چوقۇم بىر كوللېكتىپقا تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشۈڭ كېرەك. بولۇپمۇ ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغاندا، مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىسى، ئارقا كۆرۈنۈشى بار كىشىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇشۇڭ كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرالايسەن»، دېگەن. 

3. پارىژ كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقماسلىق 

ئوباما 9-يانۋار ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا «كەينىگە يانغىلى بولمايدىغان پاكىز ئېنېرگىيە ۋەزىيىتى» سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشىنى «ئارقىغا ياندۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى»نى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە تىرامپنى «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. 

ئوباما تىرامپنىڭ ئۆزىنىڭ كىلىمات سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشى ناتايىنلىقىنى، ئەگەر ئامېرىكا «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقسا، ئامېرىكىنىڭ «سۆھبەت ئۈستىلىدىكى ئورنى»نى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە، تىرامپ ئالىملار ۋە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەكلىپى ۋە كۆرسەتمىسىنى ئاڭلىشى كېرەك ئىكەن. 

كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئوباما قالدۇرماقچى بولغان سىياسىي مىراسلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىراق تىرامپ بۇنى بىر ئالدامچىلىق دەپ قارىغان ھەمدە سايلام مەزگىلىدە «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، تىرامپ گېپىنى ئۆزگەرتىپ، «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىش چىقماسلىق توغرىسىدا «ئوچۇق پوزىتسىيە» تۇتقان، بىراق ئۇ تاللىغان مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىلىمات سىياسىتىنى چېكىندۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. 

10 كۈندىن كېيىن، تىرامپ ئامېرىكىنىڭ رەسمىي زۇڭتۇڭى بولۇپ، ئوباما بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ سايلام رىقابىتى مەزگىلىدىكى شوئارىغا ئوخشاش، راستتىنلا ئامېرىكىنى «يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ» دۆلەتكە ئايلاندۇرالامدۇ؟ 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号