• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىدىن كارتىنىلار

    مەنبە : world.huanqiu.comتەھرىر : ئەخمەتجان مۇتەللىپ ئىنكاس : 15يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 20:16

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىدىن ئۈزۈندىلەر (2)

    2011-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوباما ۋە كامېرون لوندوندىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن تىكتاك توپ ئوينىماقتا. 

    ئوباما ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ئايال پادىشاھ ئىلزابىت 2  ۋە شاھزادە فىلىپ بىلەن كۆرۈشتى. 

    2011-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، خۇگ خېلنىڭ مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ جاپلىندىكى ئۆيىنى قارا قويۇق ۋەيران قىلىۋەتتى، ئوباما 85 ياشلىق خۇگ خېلىننى كۈتۈۋالدى. 

    2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، فىلادېلفىيەدىكى كۈتۈۋېلىشتىن بۇرۇن، ئوباما ئارقا سەھنىدە ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچى لايلې گېل بىلەن سۆزلەشمەكتە. 

    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئوباما يالغان قول سېلىۋالغان لېروي ئارتۇر پېتىر سېرجانت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. 

    2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ھارلىم ۋاسكىتبول ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بىر توپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئوباما ئاق سارايدىكى ۋاسكىتبول مەيدانىدا يەر بېغىرلاپ بەرمەكتە. 

    2012-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، روسا پاركىس ناملىق مەشھۇر ئاپتوبۇس سىرتقا نەزەر سالماقتا، بۇ ئاپتوبۇسىنى ئامېرىكا مىچىگان ئىشتاتىنىڭ دىربورىندىكى ھېنىرىي فورد مۇزېيىدا قايتا ياسالغان.

     

    2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئوفتسېرلار مەكتىپىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئالغاندىن كېيىن، ئوباما ئۇلارنى تەبرىكلىدى. 

    2012-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئوباما بىلەن ئايالى چىكاكونىڭ كۆك ئاسمىنى ئاستىدا ئوپچە رەسىمگە چۈشتى. ئوباما زۇڭتۇڭ بولۇشتىن ئىلگىرى ئەر-ئايال ئىككىيلەن چىكاكودا تۇرغان، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇلار يەنىلا چىكاكودا تۇرۇشنى تاللىدى. 

    2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئوباما نىيويوركنىڭ ھامپىستەدتە مىت رومىني بىلەن زۇڭتۇڭ مۇنازىرىسى قىلماقتا. 

    2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئوباما زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆمۈچۈك پالۋان قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئۈچ ياشلىق نىكولاس تامارىن بىلەن ئويناشماقتا. 

    2013-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوباما ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا قولىنى ئىككى دانە «ئىنجىل»قويۇپ قەسەم بەرمەكتە. بۇنىڭ بىر پارچىسى مارتىن لۇتېر كىڭ غا تەۋە (Martin Luther King Jr)، يەنە بىرسى ئابراھام لىنكولىنغا تەۋە (Abraham Lincoln). 

    ئوباما ۋاشىنگتوندىكى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش نامايىشىدا مىچېلنى سۆيۈپ قويدى. ئۇلارنىڭ سول تەرىپىدە ساشا ئاچىسى مارىيەنى رەسىمگە تارتىپ قويماقتا. 

    2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئوباما ئىيوردانىيە زىيارەت قىلغان مەزگىلدە باترا قەدىمىي شەھەرىنى ساياھەت قىلدى. 

    2013-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئوباما بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر تۆت زۇڭتۇڭى جورجى بوش زۇڭتۇڭ مەركىزى ۋە مۇزېيدا تەبرىك سۆزى قىلدى. 

    2013-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئوباما ئاق سارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يامغۇر ياغقان ياكى يامىغانلىقىغا قاراپ باقماقتا. 

    2013- يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاتىلار بايرىمىدىكى ماروژنى ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيىتىدە، ئوباما ئۇخلاپ قالغان بىر بالا بىلەن ئوپچە رەسىمگە چۈشمەكتە. 

    2013-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئوباما ۋە ئايالى مىچېل سېنىگال گور ئارىلىدا قەدەمقى زاماندىكى قۇللارنىڭ ئۆيىنى كۆرمەكتە. 

    2013-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇ يېڭى بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلاش ئالىدا، ئۇ بېقىۋالغان بىر ئەرمەك ئىت ئىشخانىدىكى كىرېسلودا ئولتۇرماقتا. 

    2013-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئوباما بىلەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كېررىي ئىران يادرو مەسىلىنى سۆزلەشكەن ۋاقىتتا، ئاق ساراينىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بىن رود ۋە تونى بىرىنكېن ئۇنى ئالقىشلىدى. 

    2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، جوھانىسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن نېلسون ماندېلا (جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى)غا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا، ئوباما ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى داۋىد كامېرون دانىيەنىڭ باش ۋەزىرى خېلىنتولىن سىچىمتىد بىلەن ئۆز تارتىم رەسىمگە چۈشمەكتە، ئۇنىڭ ئايالى مىچېل بىر تەرەپتە دومسايغان ھالەتتە ئولتۇرماقتا. 

    2014-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئوباما زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا زەيتۇن توپ ئېتىپ ئوينىماقتا. 

    2014-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، پايدا ئالمايدىغان تۇرالغۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۆرنەك ئۆيىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئوباما فېنىكىستا شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن كۆرۈشتى. 

    2014-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئوباما ئۆزىنىڭ ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇرلۇق ئايروپىلانىدا خىزمەت قىلماقتا (ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى). 

    ئاق سارايدىكى زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدىمۇ چىۋىن بولامدۇ؟ 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئوباما ئىشخانىسىدا چىۋىن ئۆلتۈرمەكتە، ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن ياردەمچىلىرىنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ كەتتى.

     

    2014-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ۋاشىنگتون كىچىك بىر ئەتكەن چايخانا، ئوباما پوكەيدە ئولتۇرۇۋېلىپ خىزمەتچىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. 

    2014-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، بېرگېدالغا قويۇپ بېرىش باياناتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئوباما سرجانت بوۋىي بېرگېدال بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ماڭماقتا. 

    2014-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، سىمسون ئىلمىي جەمئىيىتى ياساپ چىققان 3d باسمىنىڭ يېرىم سۈرىتىگە نەزەر سالماقتا. 

    2014-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئوباما تەقلىدىي ئىمتىھان ئاپتوموبىلىنى سىناپ باقماقتا. 

    2014-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئوباما مىسسۇرى ئىشتاتىدىكى فېرگۇسوندا يۈز بەرگەن پاراكەندىچىلىككە بايانات ئېلان قىلدى. 

    2014-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھەر خىل تېمىلاردا مۇنازىرىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئوباما ئاق سارايدىكى كۈتۈمخانىدىن ئايرىلماقتا. 

    ئوباما گىگانت تاش تۈۋرۈكلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. 

    2014-يىلى 9-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئوباما بىلەن ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى نارېندېرا مودى بىلەن ۋاشىنگتونغا جايلاشقان مارتىن لۇتېر كىڭنى خاتىرە تېشىنى زىيارەت قىلدى. 

    2014-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئوباما زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا ئىبولا ۋىرۇسىدىن ئامان قالغۇچى نېينا فەننى قۇچاقلاپ قويدى. 

    2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئوباما ئاق سارايدىكى تۈۋرۈكلۈك ئايۋانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 

    ئوباما ئېدمۇند پېتىرىس چوڭ كۆۋرۈكىدىكى «قانلىق يەكشەنبە»نىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 

    2015-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، يامايكنىڭ پايتەختى كىڭىستون، ئوباما بىلەن قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى، ئۇچار ئادەم بولىت ئالاھىدە ھالەت چىقىرىپ ئوپچە رەسىمگە چۈشمەكتە. 

    2015-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئوباما كىڭىستوندا ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى نومۇرغا چىققاندا، ھەسەن-ھۈسەنگە قول پۇلاڭشىتىپ خوشلاشماقتا. 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号