• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    سامسۇڭ Note 7 يانفونلىرىنى يىغىۋېلىشنى %96 تاماملىغانلىقىنى جاكارلىدى

    مەنبە : tech.qq.comتەھرىر : جۇشقۇنجان ئىنكاس : 6يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 20:33

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۈگۈن سامسۇڭ شىركىتى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا Note 7 نۇسخىلىق يانفوننى يىغىۋېلىش خىزمىتىنى باشلىغاندىن بۇيان ئاللىقاچان %96 يانفوننى يىغىۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. Note 7 يانفونى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا بازارغا سېلىنغان دەسلەپكى چاغدا ناھايىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن، ئەمما ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارماي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا ئارقىدىن يانفونغا ئوت كېتىش، پارتلاپ كېتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن سامسۇڭ شىركىتى ئۇدا ئىككى قېتىم بۇ يانفوننى يىغىۋېلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا بۇ يانفوننى مەڭگۈلۈك ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

    ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى Note 7 يانفونىغا قارىتا چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يانفون دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىش چەكلەنگەن مەھسۇلاتقا ئايلانغان. Note 7 يانفونىنى تېزراق يىغىۋېلىش ئۈچۈن سامسۇڭ شىركىتى نەق پۇل قايتۇرۇپ يانفوننى يىغىۋېلىش سىياسىتىدىن باشقا يەنە كۆپ قېتىم يانفوننى كېسەككە ئايلاندۇرۇپ قويۇش، زەرەتلەش مىقدارىنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان.  

    مەسىلە بار يانفونلارنى يىغىۋېلىش خىزمىتىنى تاماملاش ئۈچۈن  سامسۇڭ شىركىتى تۆت ئاي ۋاقىت سەرپ قىلغان. ئالدىنقى ئايدا سامسۇڭ شىركىتى يىغىۋېلىنمىغان Note 7 يانفونلارنى كېسەككە ئايلاندۇرۇپ قويۇش سىياسىتىنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى %85 يانفوننى يىغىۋالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

    ئالدىنقى ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئامېرىكا رايونىغا مەسۇل باش ئەمەلدارى نۇتۇق سۆزلىگەن چاغدا، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە Note 7 يانفونىنىڭ كونكرېت پارتلاش سەۋەبىنى جەمىيەتكە ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号