باش بەت

ئەندەر

4593يوللانما
70مەستانە

پارىژ سانت گېرمان ئارسېنال ھۇجۇمچىسى سانچېزنى قوشۇۋالماقچى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 20:51 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

«لوندون بايراقدار كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىلىلىق ھۇجۇمچى سانچېز ئارسېنال بىلەن توختام ئۇزارتمىغاچقا، فىرانسىيە زەردارى پارىژ سانت گېرمان سانچېزنى قوشۇۋېلىشقا تەييارلانغان. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئارسېنال مەشقاۋۇلى ۋېنگىر سانچېزنىڭ داۋاملىق كوماندىدا قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق بۇ توپچى مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاچقا، ئىككى تەرەپنىڭ توختام ئۇزارتىش سۆھبىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

سانچېزنىڭ ھازىرقى ھەپتىلىك مائاشى 130 مىڭ فوندستېرلىڭ. ئارسېنال يېڭى توختامدا ئۇنىڭ ھەپتىلىك مائاشىنى 200 مىڭ فوندستېرلىڭغا ئۆستۈرۈپ بېرىشكە قوشۇلغان، بىراق بۇ مائاش پوگبانىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئالىدىغان 290 مىڭ فوندسىتېرلىڭلىق ھەپتىلىك مائاشىدىن يەنىلا تۆۋەن. ئارسېنالغا نىسبەتەن، كوماندىدىكى توپچىلارغا ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى يۇقىرى مائاشلىق توپچىلارغا ئوخشاش مائاش بېرىش، كوماندىنىڭ مائاش تۈزۈلمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانغا باراۋەر. ئىبراھىموۋىچ ھازىر مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ھەپتىسىگە 260 مىڭ فوندستېرلىڭ مائاش ئالىدۇ، شۇڭا سانچېزمۇ ئارسېنالدىن ئىبراھىموۋىچنىڭ مائاشىغا باراۋەر مائاش تەلەپ قىلغاچقا، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى توختاپ قالغان، شۇڭا پارىژ سانت گېرماننىڭ سانچېزغا قويغان باھاسى ئارسېنالغا نىسبەتەن بېسىم ھېسابلىنىدۇ.

«لوندون بايراقدار كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سانچېز جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇلار سانچېزغا 400 مىڭ فوندستېرلىڭ ھەپتىلىك مائاش بەرمەكچى بولغان. بۇ گېزىتىنىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى رىقابەت باشقا بىرلەشمىلەردىكىدەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، بىراق فىرانسىيە بىرلەشمىسگە قوشۇلۇش تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قوشۇلغاندىن ياخشى، چۈنكى فىرانسىيە بىرلەشمىسى ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمىنىڭ بىرى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号