• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    خامېس خۇاشيا شىنفۇنىڭ 30 مىليون ياۋرو يىللىق مائاشلىق تەكلىپىنى رەت قىلدى

    مەنبە : dongqiudi.comتەھرىر : ھاكان ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 21:37

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى «ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خانلىق مادىرىد ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى خامېس رودىرىگۇزنىڭ ھازىرقى يىللىق مائاشى 3 مىليون 500 مىڭ ياۋرو بولسىمۇ، بىراق ئۇ جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى خۇاشيا شىنفۇ كۇلۇبىنىڭ يىللىق مائاشى 30 مىليون ياۋرولۇق تەكلىپىنى رەت قىلغان. جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى بۇ كۇلۇب كولۇمبىيەلىك بۇ چولپاننى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن 110 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش سوممىسى چىقارماقچى بولغان.

    خامېس رودىرىگۇز دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقمىغان، ئۇ مۇسابىقىدىن كېيىن: «خانلىق مادىرىدتا داۋاملىق قېلىش قالماسلىقنى بىلمەيمەن، چۈنكى مەن كۆپرەك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىم كېرەك» دېگەن. كېيىن خامېس ئۆزى توغرىسىدىكى ئۆسەك خەۋەرلەرگە رەددىيە بەردى، ھەمدە سېۋىللا بىلەن ئوينالغان شاھلىق لوڭقىسىدا ئىككى توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خانلىق مادىرىدتىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    «ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25 ياشلىق خامېس جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى خۇاشيا شىنفۇ كۇلۇبىنىڭ يىللىق مائاشى 30 مىليون ياۋرولۇق تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، بۇ مائاش ئۇنىڭ خانلىق مادىرىدتىكى مائاشىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. خانلىق مادىرىدمۇ جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ خامېسقا ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بۇ كۇلۇب بىرىنچى قېتىم خامېسقا 80 مىليون ياۋرو باھا قويغان، بۇ باھا خانلىق مادىرىدنىڭ خامېسنى موناكودىن قوشۇۋالغان باھاسىغا ئوخشاش، بىراق ئۇلارنىڭ تەكلىپى رەت قىلىنغاچقا، 12-ئاينىڭ 27-كۈنى دۈبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن يەرشارى پۇتبول مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، خامېس رودىرىگۇزغا 110 مىليون ياۋرو باھا قويغان، بىراق كولۇمبىيەلىك بۇ توپچى ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى يەنىلا رەت قىلغان.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号