• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتى

    مەنبە : world.huanqiu.comتەھرىر : ئەخمەتجان مۇتەللىپ ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 21:45

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىدىن ئۈزۈندىلەر (3)

    2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاق سارايدىكى مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، ئوباما كومېدىيە ئارتىسى كىگان مېكىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ سۆزلىمەكتە، كىگان مېكى مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، ئوباما غەزەپلىنىدىغان تەرجىمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئوباما ئاق ساراينىڭ غەرب تەرىپىدىكى دالانلىق ئۆيىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاز سانلىقلار رەھبىرى نانسىي پېلوسى بىلەن خەيرىلەشمەكتە. 

    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئوباما ئاق سارايدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن دۇنياۋى كارخانىچىلارنى تونۇپ قالدى. 

    2015-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، گېرمانىيە زۇڭلىسى ئانجېلا مېركېل بۇلغارىيەدىكى ئالپىس تاغ تىزمىسىدا ئوباما بىلەن سۆزلەشمەكتە. 

    2015-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئوباما بىلەن ۋاشىنگتون دۆلەتلىك كالتەك توپ ئەترىتىنىڭ «زۇڭتۇڭ مۇسابىقىسى» ئەزالىرى ئوپچە سۈرەتكە چۈشمەكتە. 

    2015-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئوباما جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى باستېر پىنىكنېينى خاتىرىلەش كۈنىدە «ئاجايىپ شەپقەت»قەسىدىسىنى ئوقۇماقتا. 

    2015-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئوباما كىنىيەدىكى نايروبىدا نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئاڭلارمەنلەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشمەكتە. 

    2015-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوباما ۋە بىرىنچى خانىم مىچېل پاپا فىرانسىسكانغا ھەمراھ بولۇپ سارايغا قايتماقتا.

    2015-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئوباما كالىفورنىيەدىكى ئىشتاتىدىكى لاجويادا بىر مەيدان گولف توپ ئوينىدى، دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇ يەردە بىر قېتىملىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىدى.

     

    2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئوباما زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ ۋەكىلى بىن رۇسنىڭ قىزى ئەيلا رۇسنى ئويناتماقتا. 

    2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، كومېدىيە ئارتىسى جېررىي سانفىي زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىسىنى چەكمەكتە. 

    2015-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئوباما ئەر-ئايال ئاق سارايدا سۈرەتكە ئېلىنغان «پىلانېتىلار ئارا ئۇرۇش»كىنوسىدىكى ئاق كىيىملىك ئەسكەر ۋە ماشىنا ئادەم R2-D2 گە يېقىنلاشماقتا. 

    2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاق سارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مايساندىخوك باشلانغۇچ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوق چىقىرىش دېلوسىنى تىلغا ئالغاندا ئىختىيارسىز ياش تۆكمەكتە.

     

    2016-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تارىخ ئېيىنى كۈتۈۋېلىشتىن بۇرۇن، ئوباما ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى 106 ياشلىق موماي ماكلاگىننى كۈتۈۋالدى.

     

    2016-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىرېلاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئېندا كېننىي بىلەن ساينىت پاترىك بايرىمىغا بىللە تاماققا كىرگەن ۋاقىتتا، ئوباما بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پائۇل رىيان مۈرىدىشىپ كەتتى. 

    2016-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۇبانىڭ ھاۋانادىكى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، كۇبا زۇڭتۇڭى رائۇل كاستىرو ئوبامانىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ قويدى. 

    2016-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئارگىنتانىنىڭ بويىنوس ئايرىس، ئوباما ئەر-ئايال مەزكۇر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت زىياپىتىدە ئارگېنتىنالىق ساھىبجامال قىز ۋە كېلىشكەن يىگىت بىلەن بىر مەيدان تانگو ئوينىدى. 

    ئارگېنتىنادىكى «يىرگىنىچلىك ئۇرۇش»تا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوباما ۋە ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماۋرىسشۇ ماركى بىلەن ئارگېنتىنانىڭ بويىنوس ئايرىستىكى رەسىم كارىدورىنى زىيارەت قىلدى. 

    2016-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئوباما ئەر-ئايال ئاق سارايدا يىلدا بىر كېلىدىغان تىرىشلىش بايرىمىدىكى رەڭلىك تۇخۇم دومىلىتىش ۋاقتىدا بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بەرمەكتە. 

    2016-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىكاكوغا يېتىپ بارغان ئوباما ۋە ئۇنىڭ قىزى مارىيە ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇردىن چۈشمەكتە. بىر يىلدىكى «ئارىلىق يىل»دىن كېيىن، مارىيە خارۋاردتا ئۇنىۋېرسىتېت تۇرمۇشىنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتا. 

    2016-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئوباما بىلەن ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋىليام بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتا، ۋىليامنىڭ ئايالى كاتىرىنا خانىم ئۆزىنىڭ ئوغلى شاھزادە جورجى بىلەن ئويناشماقتا. 

    2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئوباما گېرمانىيەنىڭ ھانوفېر شەھەرىدىكى سودا يەرمەنكىسىدە مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىنى سىناپ باقماقتا. 

    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيەنىڭ خىروشىمادىكى تىنچلىق خاتىرە باغچىسىغا گۈل تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئوباما بىلەن ئابى شىنزو قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. 

    2016-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئوباما ئاق سارايدىكى كۈتۈمخانىغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەشكە تەييارلىق قىلماقتا. 

    2016-يىلى، ئوباما ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى يىغىلىشىدا قىزى مارىيەنى قۇچاقلاپ قويدى. 

    2016-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، داللاستا ئۆتكۈزۈلگەن تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا، ئوباما ئەر-ئايال ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جورجى بوشنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، نامايىشتا قۇربان بولغان بەش ساقچىغا تەزىيە بىلدۈردى. تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا ئۇ ئايالى مىچېلنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى. 

    2016-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ دۆلەتلىك يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوباما ھىلارىي كېلىنتوننى قۇچاقلاپ قويدى. 

    2016-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى،ئوباما رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن جۇڭگو خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن G-20 يىغىنىدا ئۇچراشتى. 

    سىمىت سونىيا سەنئەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تارىخىي مۇراسىمى ئارىلىقىدا، بىرىنچى خانىم مىچېل ئوباما ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جورجى بوشنى قۇچاقلاپ قويدى. 

    2016-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئوباما زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا ئامېرىكىنىڭ بولغۇسى زۇڭتۇڭى دونالىد تىرامپ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

    ئامېرىكا تارىخىدىكى ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان تۇنجى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ سەككىز يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ھاياتى مانا مۇشۇنداقلا ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ پۇتىن بىلەن «ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇش»ى مەغلۇبىيە بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۇنيانىڭ مەنسەپ تارىخىغا بىر قارا تەنلىك زۇڭتۇڭنىڭ ئۆچمەس ئىزىنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇ مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ ئەمەلگە ئارزۇسىنى روياپقا چىقاردى. ئاخىردا ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى تىلەيمىز! 



    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号