باش بەت

نۇر فىلىم

1272يوللانما
408مەستانە

نامرات كىشىلەر قانداق قىلسا تېز پۇل تاپالايدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 21:55 0 ئىنكاس چۈشتى


 

نۇر تورى تەرجىمىسى: قانداق كىشىلەر ھەقىقىي نامرات كىشى ھېسابلىنىدۇ؟

بىرىنچى، ئوقۇش تارىخى يوق، يەنى بىلىمدە نامرات كىشىلەر.

خوجايىن چەتئەللىك كىشىلەر بىلەن تىجارەت ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقاندا بىر ئېغىر ئىنگلىزچە گەپ چىقىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن خوجايىن سىزدىن «ئىنگىلىزچە بىلەمسەن؟» دەپ سورىۋىدى، يۈزلىرىڭىز قىزىرىپ كەتتى.

ئىككىنچى، پۇلى يوق، بايلىق جەھەتتە نامرات.

ئاتا-ئانىسى دېھقان، ئۆي بىساتىنىڭ تايىنى يوق، تۇرمۇشى ئەتىگىنى ئاخشامغا كۆزى يەتمەيدىغان ھالەتتە.

ئۈچىنچى، ئارقا تىرىكى يوق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە نامرات.


پۇلى، ئوقۇش تارىخى بولمىسا ئارقا تىرىكىمۇ بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

رېئاللىق ناھايىتى ئەمەلىي، بەزىدە ئارقا تىرەكمۇ ئۆزىگە لايىق بولىدۇ، ھۆكۈمەتتە ئەمەلدارنىڭ ياردەم بېرىش ئوبيېكتى يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەردۇر، تۆۋەن مائاشلىق خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ياردىمى كېرەك ئەمەستە؟ ھازىر ھەممىلا يەردە ئىشچى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. پۇلدار قېرىندىشىڭىز بولسا ئۇلار پۇلىغا ئۆي ۋە ماشىنا سېتىۋالىدۇ، تىجارەت قىلىدۇ، ئۇلارغا ئوخشاشلا پۇل لازىم. پۇلى يوقلار پۇلى بارلاردىن قەرز ئالماقچى بولسا، پۇلى بار ئادەم ھامان بانكىغا يەنە نەچچە 100 مىڭ يۈەن ئۆي قەرزى، ماشىنا قەرزى بارلىقىنى ئېيتىدۇ، ئۇلارنى دېگىنى ھەق، ئۇلارنى توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك. ھازىرقى زاماندا قايسى بىر باي بانكىدىن پۇل قەرز ئالمىغان؟ پۇلى بار خوجايىنلار شىركەت نامى بىلەن بانكىدىن قەرز ئالىدۇ، ئۇلار قەرز ئالغان پۇللار سىزنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويالايدۇ.

كىچىك ۋاقتىمدا مۇئەللىم ئېيتىپ بەرگەن مۇنداق بىر ھېكايە ئېسىمگە كەلدى: «بىر نامرات بالا پۇلدار ھاممىسىدىن ئاشلىق ئۆتنە ئالماقچى بوپتىكەن، ھاممىسى ئۇنىڭغا: مېنىڭ توخۇم، ئۆردىكىم، غېزىم، كالام، قويۇم، ئېتىم ھەر كۈنى نەچچە شىڭ ئاشلىق يەيدۇ، ئاشلىقىم ئۇلارنىڭ يېيىشىگە ئاران يېتىدۇ، ساڭا ئاشلىق ئۆتنە بەرسەم، بۇ ھايۋانلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ، دەپتۇ». ھازىرقى ھاممىلار چارۋا باقمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆي، دۇكان سېتىۋېلىپ، كەلگۈسىدە بىر ئېغىزنى ئىككى ئېغىزغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئوقۇش تارىخى بولمىغان نامرات كىشىلەرگە پۇل قەرز بەرمەكچى بولسىڭىز، نەچچە يىلدىن كېيىن ئەخمەققە ئايلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇلار مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلىدۇ، ھاممىلارنىڭ خاتالىقى يوق، نامرات كىشىلەرنىڭ بېيىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.

ئانالىز قىلىپ باقساق، قارىماققا نامرات كىشىلەرنىڭ بىرەرمۇ توغرا ئىشى يوق، قاتمۇ-قات مۈشكۈلات ئىچىدە قالغان. ئەمەلىيەتتە نامرات كىشىلەر قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، پۇرسەت ئىزدەيدىغان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن پۇل تېپىش ئانچە قىيىن ئىش بولماسلىقى مۇمكىن.

 

بىرىنچى، نامراتلىق نامراتلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى.

ئىگىلىك تىكلىسىمۇ نامرات، ئىگىلىك تىكلىمىسىمۇ نامرات، ئىشقىلىپ نامرات بولغاندىكىن نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەپ باقمايسىز؟ ئىگىلىك تىكلەش نامراتلارنىڭ تېزلىكتە باي بولۇشىدىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق چىقىش يولى، ئىگىلىك تىكلەشتە باي-نامرات دەپ ئايرىلمايدۇ، ئوقۇش تارىخى مەسىلىسىدىن قورقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەندە ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، خوجايىننىڭ نەزىرىدە نەتىجىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشى ئىقتىدارىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەلۇم بىر كۈندىلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ساھەسىدە، ئەگەر سىز 60 مىليونلۇق تىجارەت سوممىسىنى 600 مىليونغا يەتكۈزەلىسىڭىز، خوجايىن بەلكىم «ئېلانغا شۇنچە كۆپ پۇل خەجلىگەن تۇرسام، چوشقا بولغان تەقدىردىمۇ تىجارەت سوممىسىنى ئاشۇرالايتتى.» دېيىشى مۇمكىن. كېيىن بەلكىم پەقەت چوشقىلا مۇشۇنداق گەپنى قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە نۇرغۇنلىغان تەرەققىيات پۇرسىتى بولىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە خىزمەتلەرنىڭ %70-%80تىگە يۇقىرى ساپالىق ئىختىساس ئىگىلىرى كېرەك بولمايدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسى بولسىلا ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. كەسىپتە باي-نامراتلىق پەرقى بولمايدۇ، بايلار بىر مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىسە، نامراتلار 10 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ.

 

ئىككىنچى، پۇلىڭىز كۆپ بولمىسا، ئۆزىڭىزگە ئەڭ پىششىق بولغان ئۇششاق تىجارەتنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

سىز بىر پادىچى تۇرۇپ، ئايروپىلان تىجارىتىنىڭ پايدىسى جىقلىقىنى بىلىپ، ئايروپىلان ياسايمەن دەپ تۇرۇۋالسىڭىز بولمايدۇ ئەلۋەتتە، سىز ئايروپىلاننىڭ بىر تال ۋىنتىسىنىمۇ ياسىيالمايسىز، ياسىيالىغان تەقدىردىمۇ ساتالىشىڭىز ناتايىن. ئۆزى ياقتۇرىدىغان كەسىپتە ئىگىلىك تىكلەشكە ئەرزىيدىغان تۈرلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىگىلەش كېرەك، ئىگىلىك تىكلەش پەقەت ئالىملارلا قىلالايدىغان ئىش ئەمەس.


جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان تۈرلەر تېخى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا، ئىنتېرنېت تورى بۇنچە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ئاتومغا ئائىت ماتېرىياللارنىمۇ تاپقىلى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا سىزگە كېرەك بولغان تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىش تېخنىكىسى دېگەندەكلەرنى ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ، تېپىپ كەلگەن تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلسىڭىز يېڭى بىر ئىگىلىك تىكلەش نۇقتىسى تاپالىشىڭىز مۇمكىن — ھازىرقى دەۋردە ئىگىلىك تىكلەش چارىسى ئىنتايىن پۇلغا يارايدۇ.

 

ئۈچىنچى، كەسىپنى تاللىۋالغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن كەسىپداشلارنى ئىگىلەش، ئاندىن بىر قانچە كەسىپداشنى ئۆگىنىش ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلاردىن سېتىش يولىنى ئۆگىنىش.

ئۇلار سىزنىڭ ئۇستازىڭىز، ئۇلار چۈجىنى ئايغا ئېلىپ چىقىپ ساتماقچى بولسىمۇ شۇلارغا ئەگىشىپ چىقىشىڭىز كېرەك. بەلكىم سىز ئاي شارىدا چۈجە باققىلى بولامتى دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. كەسىپداشلار بۇنداق سوراشمايدۇ، سىز شاگىرت تۇرسىڭىز بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟ شاگىرت بولغانىكەن چوقۇم كەمتەرلىك بىلەن ئۇستازدىن ئۆگىنىشى كېرەك، شۇندىلا ياخشى شاگىرت بولالايدۇ. بەلكىم سىز ئانتراكتىكا قىتئەسىدە يېڭى بازار دەپ قاراپ، چۈجىنى ئانتراكتىكا قىتئەسىگە ئاپىرىپ سېتىشنى ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، مۇنداق بىر نۇقتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خەتىرى بار، ماڭغان ھەر بىر قەدەم يېڭىلىق ياراتقانلىقتۇر، نامرات كىشىلەر بۇنى قىلالمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندەك چۈجە ئانتراكتىكا قىتئەسىدە توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.

 

تۆتىنچى، بازار ئىزدەڭ، چۈنكى ئۇستازدىن ئۆگەنگەندە پەقەت بىر قانچە خېرىدارغىلا ئېرىشەلەيسىز، بۇ ئەسلا يەتمەيدۇ.

ئەمما بۇ خېرىدارلار بولسا چۈجىڭىز توڭلاپ ئۆلمەيدۇ، ئاچلىقتىن ئۆلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قانات-قۇيرۇقى ئاستا-ئاستا يېتىلىپ، پەرۋاز قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. توققۇز مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنغا ئىگە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە بازىرىڭىز بار، ئىنتېرنېت تورى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە يەر پۈتۈن شارىدىمۇ بازىرىڭىز بار، بازار چوڭايغاندىن كېيىن سودا ساراينىڭ جەڭگاھقا ئوخشايدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىسىز. نۇرغۇن كىشىلەر سىزگە «يېڭىلىق يارات، مەھسۇلاتلاردا پەرق بولغاندىلا ئاندىن بازىرى بولىدۇ.» دېيىشى مۇمكىن، بىزمۇ مۇشۇنداق قارايمىز، ئەمما بىز خاتالاشتۇق. ئىنتېرنېت تورى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە مەھسۇلاتلاردا پەرق قالمىدى، پارىژدىكى كىيىم-كېچەك مودېلى ت شەكىللىك سەھنىدە مۈشۈك قەدەم بىلەن مېڭىپ، جەزبىسىنى ۋە گۈزەللىكىنى نامايان قىلىۋاتقاندا، يىراقتىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە بۇنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى چىقىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号