• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ياپونىيە شىركىتى «دۇنيا بويىچە ئەڭ چىدامچان» قاتلىنىدىغان يانفون ئېلان قىلدى

    مەنبە : ithome.comتەھرىر : دىلشات ئابلىز ئىنكاس : 12يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 21:54

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    قاتلىنىدىغان يانفونلار ياپونىيەدە تېخى سەپتىن چۈشۈپ قالغىنى يوق. KYOCERA شىركىتى بۈگۈن ياپونىيەدىكى AU ئەتىيازلىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا TORQUEX01 ناملىق بىر قاتلىنىدىغان يانفون مەھسۇلاتىنى ئېلىپ كەلدى، بۇ يانفون پۇختا، چىدامچان بولۇشنى ئاساسلىق نىشانى قىلغان بولۇپ، 1.8 مېتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ ھېچنىمە بولمايدىكەن.

    TORQUEX01 يانفونىنىڭ سىرتقى شەكلىمۇ قارىماققا ناھايىتى چىدامچان تەسىر بېرىدىغان بولۇپ، گىرۋەكلىرى قوغدىنىشچان سۇلياۋ بىلەن مۇستەھكەملەنگەن، توق قىزىل ۋە كۈلرەڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بار، IP58/6 دەرىجىسىدە سۇ، چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە، KYOCERA بۇ يانفوننى «دۇنيادىكى ئەڭ چىدامچان قاتلىنىدىغان يانفون» دەپ تەرىپلىگەن.

    بۇ يانفونغا قوش ئېكران سەپلەنگەن، سىرتقى ئېكرانى رەڭسىز بولۇپ، خىلمۇ-خىل ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، ئاساسلىق ئېكرانى 3.4 دىيۇملۇق، پەرق ئېتىشچانلىقى 854×480گە يېتىدىغان TFT ئېكران تاختىسى ئىشلىتىلگەن، نۇر قايتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇڭا قۇياش نۇر ئاستىدىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. يانفوننىڭ ئالدى تەرىپىگە قوش ياڭراتقۇ ۋە ئەمەلىي كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن.

    TORQUEX01 يانفونى يەنە ھاۋارايى، تېمپراتۇرا، ئاتموسفېرا بېسىمى، ئېگىزلىك، نەملىك دەرىجىسى ۋە يۆنىلىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

    ئىقتىدارىغا كەلسەك، بۇ يانفوننىڭ سەپلىمىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئۇنىڭغا كۇۋالكوم MSM8909 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 8GBلىق ئاساس ساقلىغۇچ، 13 مىليون پىكسېللىق ئارقا كامېرا ۋە 1500mAh باتارېيە سەپلەنگەن، ئاندىرويىد 5.1.1نىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى قاچىلانغان.

    TORQUEX01 يانفونى 2017-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بازارغا كىرىدىغان بولۇپ، باھاسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بۇ يانفون پەقەت ياپونىيەدىلا سېتىلىشى مۇمكىن.




    مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号