باش بەت

Yopter

51يوللانما
1مەستانە

ئامېرىكىدىكى سەككىز ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-11 23:57 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەركىنلىك ئىلاھەسى ھەيكىلى دۆلەت خاتىرە ئابىدىسى. رەسمىي نامى «ئەركىنلىك نۇر چاچقان دۇنيا»، يەنى بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى. بۇ ھەيكەل نىيۇيورك پورتىنىڭ ئەركىنلىك ئارىلدىكى ھۇدسۇن دەرياسى ئېغىزى ئەتراپىغا جايلاشقان. 1876-يىلى فىرانسىيە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەپ ئامېرىكىغا سوۋغا قىلغان. 1886-يىلى 10 ئايدا ھەيكەل تولۇق تىكلىنىپ بولۇنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل ھالدا ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى ئامېرىكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.

پارلامېنت بىناسى ئامېرىكا پارلامېنىت تۇرۇشلۇق جاي. ئامېرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتىنىڭ كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان. ئامېرىكا خەلقى پارلامېنىت بىناسىنى Capitol دەپ ئاتايدۇ. ئۇ كىشلەرنىڭ نەزىرىدە خەلق ئىگدارچىلىقى، خەلق باشقۇرشى، خەلق بەھرىمان بولۇش قاتارلىقلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت پارلامېنىت بىناسىغا 1793-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى زۇڭتۇڭ ۋاشىڭتون ئۆز قولى بىلەن ئۇل باسقان. 1800-يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

ۋاشىڭتون ئابىدىسى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ۋاشىڭتوننى خاتىرلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، ۋاشىڭتون شەھرىنىڭ مەكىزىگە جايلاشقان. دۆلەت پارلامېنت بىناسى، لىنكولىن خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار بىلەن بىر ئوق سىزىق ئۈستىدە. بۇ ئابىدە مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئۇچلۇق شەكىلدە بولۇپ، ئاستى قىسمىنىڭ كەڭلىكى 22.4 مېتىر، ئېگىزلىكى 169.045 مېتىر كېلىدۇ.

لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئامېرىكا ۋاشىڭتون شەھرىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلدۇ. بۇ ساراي 16-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ ئابراھام لىنكولىننى خاتىرلەش ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايونى دۆلەت مەيدانىنىڭ غەربىي تەرپىدە، ئارلىڭتون خاتىرە كۆۋرۈكىنىڭ ئالدىدا، دۆلەت پارلامېنىت بىناسى ۋە ۋاشىڭتون ئابىدىسى بىلەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە.

ئاقساراي ۋاشىڭتون كۇلۇمبىيە ئالاھىدە رايونى غەربىي جەنۇپ تەرپى پىنسىلۋانىيە داغدام يولىنىڭ 1600-نومۇرغا جايلاشقان. ئۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭنىڭ ئىش بىجرىش ۋە ئىشخانا بىناسىدۇر. 1800-يىلى قۇرۇلغان. 1902-يىلى 26-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ روزۋېلىت (Theodore Roosevelt) رەسمىي ھالدا ئاقساراي دەپ نام بەرگەن.

بەش بۇرجەكلىك بىنا ۋاشىڭتون كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونىنىڭ غەربى جەنۇب قىسمىدىكى ئارلىڭتون (Arlington) رايونىغا جايلاشقان. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرجىلىك ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى – دۆلەت مۇداپىيە مېنىستىرلىقنىڭ باش شىتابى. بەش بۇرجەكلىك بىنانى ئامېرىكىلىق ئارخىتېكتور جورجى بىرگىستورم (George Bergstrom) لاھىيەلىگەن بولۇپ، بەش بۇرجەكلىك بىنا ئەڭ دەسلەپتە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگلىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە يېڭى قوماندانلىق مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان ئىدى.

مۇستەقىللىق خاتىرە سارىيى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيەدىكى قىزىل خىشتىن ياسالغان قۇرۇلۇش. 1776-يىلى 7-ئاينىڭ4-كۈنى ئەنگلىيە مۇستەملىكە رايونىدىن كەلگەن شىمالدىكى 13 شىتات ۋەكىللرى بۇ يەردە ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسنى ئېلان قىلغان، 1787-يىلى ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىي مۇشۇ يەردە تۈزۈلگەن، 1790-يىلىدىن 1800-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە بۇ بىنا ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بولغان.

روشمۇر دۆلەتلىك خاتىرە باغچىسى (Mount Rushmore National Memorial) ئامېرىكا زۇڭتۇڭ تېغى ياكى زۇڭتۇڭ باغچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ باغچا جەنۇبىي داكوتا شتاتىغا جايلاشقان. باغچا ئىچىدە 60 ئېنگىلىز سۇڭى ئېگىزلىكتە زۇڭتۇڭنىڭ ھەيكەللىرى بار. تەرتىپ بويىچە جورجىي ۋاشىڭتون، توماس جېففىرسون، روزۋېلىت، ئابراھام لىنكولىن قاتارلىقلار. بۇ تۆت زۇڭتۇڭ ئامېرىكا دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىنكى 150 يىللىق تارىخقا ۋەكىل بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号