• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ مۇكاپاتلاش لايىھەسى ئاشكارىلاندى

    مەنبە : sports.163.comتەھرىر : saparkul ئىنكاس : 2يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-11 23:28

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نۇر تورى تەرجىمىسى:

    مانچېستېر بىرلەشمىسى ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ تۇنجى ئۇچرىشىشتا 0:2 نەتىجىدە ھۇل شەھىرىنىى ئۇتقاندىن كېيىن چېمپىيونلۇققا تېخىمۇ يېقىنلاشتى. «قۇياش گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسىدا چېمپىيون بولسا، ھەر بىر توپچى 50 مىڭ فوندستېرلىڭ بىلەن، ئەگەر ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولسا، ھەر بىر توپچى 200 مىڭ فوندستېرلىڭ بىلەن، ئەگەر ئالدىنقى تۆت كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرسە، ھەر بىر توپچى 100 مىڭ فوندستېرلىڭ بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە نىسبەتەن ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    مانچېستېر بىرلەشمسىى بىلەن ئادىداسنىڭ تۈزگەن توختامىدا، ئەگەر مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۇدا ئىككى پەسىل ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمسىگە قاتنىشالمىسا، يىللىقى 75 مىليون ياۋرولۇق قوللاش ھەققىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ پەسىل مانچېستېر بىرلەشمىسى پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقسىغا قاتناشتى، ئەگەر كېلەر يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسى يەنىلا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسگە قاتنىشالمىسا، كىيىم ئالدى قوللاش ھەققىنىڭ يېرىمىغا يەنى 37 مىليون 500 مىڭ ياۋروغا ئېرىشىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزغۇنلۇق تېلۋىزىيىدە تارقىتىش ھەققى، بېلەت كىرىمى ۋە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمسىنىڭ مۇكاپاتى قاتارلىق كىرىمدىن قۇرۇق قالىدىكەن.  

    گەرچە مانچېستېر بىرلەشمىسى يېقىندىكى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئالتە مەيدان يەڭگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا رەت-تەرتىپتە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تۆتىنچى ئورۇندىكى مانچېستېر شەھىرىنىڭ تۆت نومۇر ئارقىدا، تۆتىنچىلىكنى تالىشىش ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى كەسكىن. توپچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن،مانچېستېر بىرلەشمىسى پەسىل ئاخىرىدىكى بىرلەشمە رەت-تەرتىپىدە كوماندا ئالدىنقى تۆتكە كىرسە، ھەر بىر توپىچىغا 100 مىڭ فوندستېرلىڭ مۇكاپات، چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە، ھەر بىر توپچىغا 200 مىڭ فوندستېرلىڭ مۇكاپات بەرمەكچى بولغان.

    مەلۇم بىر ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ «قۇياش گېزىتى» مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «كوماندا ئەگەر بىرلەشمە لوڭقسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشسە، ھەر بىر توپچى پەقەت 50 مىڭ فوندستېرلىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ (رونىينىڭ ھەپتىلىك مائاشىنىڭ ئالتىدىن بىرى)، بۇ مۇكاپاتلاش لايىھەسىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. بۇ پەسىلدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بىرلەشمىدە تۆتنىڭ ئىچىگە كىرىش، چۈنكى كوماندا ئۇدا ئىككىنچى يىلى ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشالمىسا، ئادىداس شىركىتىنىڭ قوللاش ھەققىنىڭ يېرىمىدىن قۇرۇق قالىدۇ. ئەگەر ئالدىنقى تۆت كوماندا قاتارىغا كىرسە، ھەر بىر توپچى 100 مىڭ فوندستېرلىڭغا ئېرىشىدۇ».

    گەرچە مۇكاپات سوممىسىدىن قارىغاندا مانچېستېر بىرلەشمىسى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ۋە ئۇزغۇنلۇق سالاھىيىتىنى مۇھىم بىلسىمۇ، بىراق بىرلەشمە لوڭقىسىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەندىن كېيىن، مورىنھو ئۆزىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى نىشانلىدى، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى ئېلىپ بولغان ئىدى.

    مورىنھو: «بۇ بىر تۈرلۈك مۇسابىقە، بۇ مېنىڭ قىزىقىش-قىزىقماسلىقىمدىكى مەسىلە ئەمەس. مەن كاردىفتا (ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان جاي) ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، بىراق بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋېمبلېيغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، مەن ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ زور دەپ قارايمەن، نېمىشقا تىرىشمىغۇدەكمەن؟ ھەر قانداق مۇسابىقىدە سىزنىڭ نىشانىڭىز چوقۇم چېمپىيونلۇق بولۇشى كېرەك».



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号