باش بەت

نۇسرەتگۈل

6529يوللانما
56مەستانە

يۈزى كۆيۈپ كەتكەن بالا تاشلىۋېتىلدى، بىر جۈپ ئەر-ئايال بالىنى بېقىۋېلىپ داۋالاتتى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-12 11:06 0 ئىنكاس چۈشتى

22 ياشلىق جاۋ شۆچېڭنىڭ چىرايى تولىمۇ ئالاھىدە. چۈنكى ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ يۈزى كۆيۈپ كەتكەندە تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىش ئارقىلىق ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلدى. يېقىندا، بىر ئائىلە كىشىلىرى چۇڭچىڭغا تۇغقان يوقلىغىلى بارغاندا، جاۋ شۆچېڭنىڭ بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى جاۋ لىنيۇ بىلەن لى شيەنيۈ نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت تارتىپ يىغقان 30 مىڭ يۈەن پۇلىنى سەرپ قىلىپ ئۇنىڭ يۈز تېرىسىنى ئالماشتۇردى. ئۇلار بالىسىنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، ئۆزىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولۇشىنى ھەم ئۆزلىرىنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

1994-يىلى يېڭى يىل مەزگىلىدە، لى شيەنيۈ كۆكتات ئېلىپ ئۆيىگە قايتىش يولىدا كۆۋرۈك ئاستىدىن بوۋاق بالىنىڭ يىغا ئاۋازى كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، يېقىن بېرىپ قارىسا، سېۋەت ئىچىدە بىر بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ يۈزىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ چاغدا ئۇ بالىنى ئاتا-ئانىسى تاشلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىدۇ. ئاندىن بالىنىڭ سوغۇقتا توڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى بېقىۋالىدۇ. كېيىن دوختۇرلار ئۇنىڭغا بالىنىڭ يۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەچچە 10 مىڭ يۈەن كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆپ پۇل بولمىغاچقا، داۋالىتىشقا ئامالسىز قالىدۇ. جاۋ شۆچېڭ 22 ياشقا كىرىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭمۇ قىيىنغا توختاۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن يىغىپ قويغان 30 مىڭ يۈەن پۇلىغا ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرماقچى بولىدۇ ۋە شىنەن دوختۇرخانىسىدا بالىسىنى تۇنجى قېتىملىق ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدۇ. 2-قېتىملىق ئوپېراتسىيەگە 80 نەچچە مىڭ يۈەن كېتىدىغان بولغاچقا، بۇ ئاتا-ئانا ھازىر يۇرتىدىكى ئۆيىنى سېتىشنى قارار قىلىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号