باش بەت

saparkul

1000يوللانما
1مەستانە

ئىتالىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسى: يۇۋېنتۇس 2:3 ئاتلانتا

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-01-12 12:26 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:45 ئۆتكەندە ئوينالغان ئىتالىيە لوڭقىسى 5-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئاتلانتا كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. مانزۇكىچ ۋە دىبالانىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىككى توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئاتلانتا كوماندىسى ئىككى توپ قايتۇرۋالدى. يۇۋېنتۇستىن پىيانىچ نۇقتا ئۇرۇپ غەلبىنى مۇقىملىدى. ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس كوماندىسى 2:3 نەتىجىدە ئاتلانتا كوماندىسىنى يېڭىپ،  ئىتالىيە لوڭقسىىدا سەككىز كۈچلۈككە كىردى.

مۇسابىقىنىڭ 22-مىنۇتىدا ئاساموئا سول يولدىن چەكلەنگەن رايون ئىچىگە توپ تاشلىدى، مانزۇكىچ كاللا توپ ئارقىلىق پاس چىقاردى، دىبالا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0:1 گە ئۆزگەرتتى. مۇسابىقىنىڭ 34-مىنۇتىدا مانزۇكىچ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0:2 قىلىپ ئۆزگەرتتى. مۇسابىقىنىڭ 71-مىنۇتىدا ئاتلانتا كوماندىسىدىن كونكو بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1:2 گە ئۆزگەرتتى. مۇسابىقىنىڭ 74-مىنۇتىغا كەلگەندە لېشتېينېر چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئاتلانتا توپچىسى تەرىپىدىن يىقىتىۋېتىلگەچكە رېپىر نۇقتا ھۆكۈم قىلدى. نۇقتا توپنى پىيانىچ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1:3 گە ئۆزگەرتتى. مۇسابىقىنىڭ 80-مىنۇتىدا پېتاگىنا ئوڭ يولدىن بۆسۈپ كىرىپ پاس چىقاردى، لاتتېلاز توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:3 گە ئۆزگەرتتى. كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولماي، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 2:3 نەتىجىدە غەلىبە قىلىپ، ئىتالىيە لوڭقسىدا سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号